• مۇھەببەتلەشكەندە بۇ ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-02 02:54
  • مۇھەببەتلەشكەندە بۇ ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىڭ

    بىر قىسىم ئايرىلىپ كەتكەن قىزلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئايرىلىپ كېتىش سەۋەبىنى چۈشەنمەيدىكەن، ئۇلار بىز سەۋەبسىزلا ئايرىلىپ كەتتۇق، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمىدىم دەپ قارايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشىنىڭ بىر قىسىم ئالامەتلىرى بولىدۇ.

    1. سىز ئۈچۈن ۋاقتىنى، پۇلىنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىشنى خالىمايدۇ.

    ئەرلەر نېمىشقا سىز ئۈچۈن ۋاقتىنى، پۇلىنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىشنى خالىمايدۇ؟ ئەرلەرنىڭ پۇلى قەيەردە بولسا، كۆڭلى شۇ يەردە بولىدۇ. ئۇ سىز ئۈچۈن پۇل خەجلەشنى خالىمىسا، سىز ئۈچۈن ۋاقتىنى، كۈچىنى سەرپ قىلىشىنى خالىمىسا ئۇنداقتا ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى ۋاقىت، پۇل ۋە كۈچ چەكلىك بولىدۇ، بۇ نەرسىلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان نەرسىلەرنىڭ بىرى، ئۇلار بۇنى ئۆزلىرىگە مۇھىم بولغان ئادەم ۋە ئىشقا ئىشلىتىدۇ، سىز ئۈچۈن بۇلارنى سەرپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    2. سىزگە بولغان مۇئامىلىسى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، سىزنىڭ قىلغان سۆزىڭىز ۋە قىلغان ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    مۇنداق بىر ئېغىز سۆز بار: كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن كەڭ قورساقلىق قىلىدۇ. مىجەزى قانچىكى ناچار كىشىلەرمۇ، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋالىدۇ، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ۋاقتىغا ئوخشاش كۆرسىلا ئادەم تىللاپ ئاچچىقلاپ يۈرمەيدۇ. ناۋادا، ئادەتتە سىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان ئادەمنىڭ مۇئامىلىسى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ ناچارلىشىپ كەتسە، نېمىلا دېسىڭىز قۇلىقىغا ياقمىسا ياكى ئاڭلاشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى بۇزۇپ، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، سىزنى يېنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن.

    3. سەۋەبسىزلا سوغۇق زورلۇق ئىشلىتىش ياكى بىرگە بولغاندا سوغۇق ئۆزگىرىشچان مۇئامىلە تۇتۇش.

    ئىشىنىمەنكى ھېچقانداق بىر قىز يىگىت تەرەپنىڭ ئۆزىگە سوغۇق زورلۇق ئىشلىتىشىنى ياقتۇرمايدۇ. سوغۇق زورلۇق ئىشلىتىش دېگەن نېمە؟ ئۇ سىزگە قول ئۇزاتمايدۇ، سىز بىلەن ئۇرۇشمايدۇ، ئەمما سىز نېمە دەڭ، نېمە قىلىڭ قىلچە كارى بولمايدۇ، سۆزىڭىز جاۋابسىز قالىدۇ، سىزگە سوغۇق مۇئامىلە تۇتىدۇ، ئۇرۇشۇپ قالساڭلارمۇ شۇنداق بىپەرۋا مۇئامىلە تۇتىدۇ. سەۋەبسىز بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.

    يۇقارقىدەك ئەھۋاللارغا ئۇچرىغاندا، قىزلار سەۋەبنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىشى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى بۇ ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى، ئايرىلىشىنى قانداق قوبۇل قىلىشنى بىلىشى كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00