• ‏8-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ‏

  • يوللىغۇچى : ئايگۈل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-02 02:13
  • ‏8-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ‏

    8-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

      بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى جۇڭگو مېھمانخانا كەسپى ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، كۆرگەزمىگە خەلقئارا ئۆلچەمدىكى 2500 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنىدۇ، 1500 كارخانا قاتنىشىدۇ (چەت ئەل كارخانىلىرى %25 نى ئىگىلەيدۇ)، مۆلچەرلىنىشىچە كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەر 300 مىڭ ئادەم/قېتىمىغا يېتىدىكەن.

      كۆرگەزمە سودىدا پۈتۈشۈش، يىغىن مۇنبەرلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش، مۇسابىقىلەشتۈرۈپ باھالاش، يانداش پائالىيەتتىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆرگەزمە مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتە تېخىمۇ يېڭىچە ۋە مول، كۆرگەزمىگە خەلقئارا يېمەكلىك كۆرگەزمە رايونى، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرى رايونى، يېمەكلىك ئۈسكۈنىلىرى رايونى، كارخانا مۇلازىمەت رايونى، يېمەك-ئىچمەك ئېسىل تائاملار رايونى ۋە ئويۇن قويۇش رايونىدىن ئىبارەت ئالتە رايون تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمىدە خام ماتېرىياللاردىن تارتىپ پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىلىرى، ئوراش لايىھەسى، تۈرلۈك مۇلازىمەت ۋە سېتىش سۇپىلىرىغىچە كەسىپلەر ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىدۇ، ئىستېرېئولۇق كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىنىدۇ، بىر بېكەتتە سېتىۋېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

      مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمە سۇپىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تاۋار ماركىلىرى، يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنىڭ مەملىكەتتىكى تەسىر كۈچى كېڭىيىپ، شىنجاڭ بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشى، ئەۋزەللىكلەرنى تولۇقلىشى، سودىدا تېپىشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

      بۇ كۆرگەزمە شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېمەك-ئىچمەك ئوبوروت ساھەسىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. كۆرگەزمە ئارقىلىق جۇڭگو-چەت ئەل يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى ھەمدە مەھسۇلات سېتىۋېلىش-سېتىشقا كۆرگەزمە ۋە سودا سۇپىسى تەمىنلىنىدۇ.

      بۇنىڭدىن سىرت، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ يانداش مۇنبەرلىرى باش تېما نۇتقى شەكلىدە قانات يايدۇرۇلۇپ، «<بىر بەلباغ، بىر يول> ۋەزىيىتىدىكى جۇڭگو يېمەكلىك كەسپى تەرەققىياتى» يادرو قىلىنىپ، «ئالاقە تورى+» دەۋرى ئارقا كۆرۈنۈشىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كەسپىي، ئۇچۇر مىقدارى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇنبەر بەرپا قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «2017-يىللىق مەملىكەتلىك يېمەك-ئىچمەك تەرەققىيات سانلىق مەلۇماتى»، «2018-يىللىق مەملىكەتلىك يېمەك-ئىچمەك كەسپى تەرەققىيات ۋەزىيىتى» ئېلان قىلىنىپ، «باش دىرېكتورلار سۆھبىتى» قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ۋە سېتىۋالغۇچىلارغا يېمەك-ئىچمەك كەسپى تەرەققىيات يۆنىلىشى، تىجارەت ئىدىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇچۇر مەسلىھەتى بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولىغا پۇرسەت يارىتىلىپ، سودا قىممىتى بىلەن بايلىق ئىشلىتىش قىممىتى ئەڭ زور نىسبەتكە يەتكۈزۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00