• خانلىق مادرىد3-0 يۇۋېنتۇسنى مەغلۇب قىلدى، رونالدو قالتىس توپ كىرگۈزدى

  • يوللىغۇچى : مەمەتجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-04 07:36
  • خانلىق مادرىد3-0 يۇۋېنتۇسنى مەغلۇب قىلدى، رونالدو قالتىس توپ كىرگۈزدى


    ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى  خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلەشتى ئىككى كوماندا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىمۇ مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خانلىق مادرىد 1:4 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلغان، 

    مۇسابىقە باشىنىپ 3مىنۇت بولمايلا خانلىق مادرىد كوماندىسنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ مادرىد كوماندىسىنى ئاۋال ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈردى، بىر توپ كەينىدە قالغان يۇۋىنتىس كوماندىسى ئارقىمۇ-ئارقا كۈشلۈك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي يىرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، ئالدىنقى مەيداندا خانلىق مادرىد رونالدونىڭ كىرگۈزگەن بىر توپىغا تايىنىپ بىر ئۈستۈنلۈك بىلەن ئالدىغا ئۆتتى.


    كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئوخشاشلا ھۇجۇمنى كۈچەتكەن بولسىمۇ قىلغان ھۇجۇملىرى ئۈنۈمسىز بولدى، كىيىن رونالدونىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزىشى ۋە مارسېلونىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، خانلىق مادرىد كوماندىسى مىھمان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىگە ياخشى ئاساس سىلۋالدى.

    مۇسابىقىنىڭ 3-مىنۇتىدا ئىسكونىڭ پاس بىرشى بىلەن رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۈنجى توپنى كىرگۈزدى.

    كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 63مىنۇتىغا كەلگەندە، كارۋاخالنىڭ كۆتۈرگەن توپىنى رونالدو دۇنياۋى سەۋىيەلىك موللاقچىلاپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0-2قىلىپ ئۆزگەرتتى، ھەم ئۆزىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قوش گۈل قىستى.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 73-مىنۇتىغا كەلگەندە مادرىد ئەزالىرى چەكلەنگەن رايون ئەتراپىدا قىسقا پاسلىشىپ رونالدونىڭ بەرگەن پىسىنى قوبۇل قىلغان مارسىلو بۇففوندىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، خانلىق مادرىدنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 3-توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى.

    مۇسابىقىنىڭ كىيىنكى ۋاقىتلىرىدا نەتىجە ئۆزگەرمەي، خانلىق مادرىد كوماندىسى 0-3نەتىجە بىلەن مىھمان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
    شۇنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسى مىھمان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى ئۇتالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قىتىم مىھمان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى ئۇتقان ۋاقىتىنى بولسا، 1662-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مادرىد كوماندىسى دىستىفانونىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلغان.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك