• دۇنيادىكى ھازىرغىچە يېشىلمىگەن 10 چوڭ سىر

  • يوللىغۇچى : ئايگۈل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-04 10:00
  • دۇنيادىكى ھازىرغىچە يېشىلمىگەن 10 چوڭ سىر

    1. يىغلاۋاتقان مەريەم ئانىنىڭ سۈرىتى:

    تايلاندتىن سېتىۋېلىنغان مەريەم ئانىنىڭ سۈرىتىدە ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئىخلاسمەن كاتولىك مۇرتى پاتتى پوۋېل سەككىز يىل ئىلگىرى باڭكوكتىكى بىر دۇكاندىن مەريەم ئانىنىڭ بۇ سۈرىتىنى 150 ئاۋسترالىيە دوللىرىغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 728 يۈەن) سېتىۋالغان. يېقىندا، ئۇ مەريەم ئانىنىڭ كۆزىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ ئەتىرگۈلدەك خۇشپۇراق تارقىتىدىغان مايلىق ماددا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

    2. ئادەم ئۆلتۈرىدىغان سېھىرلىك ئەينەك:

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فىرانسىيەدە 250 يىللىق تارىخقا ئىگە «سېھىرلىك ئەينەك» بار بولۇپ، ھازىرغىچە 38 ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغان. بۇ ئەينەككە قارىغانلىكى ئادەمنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئادەم بۇ سىرلىق ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى. رۇسىيەلىك ئالىملار بۇنىڭغا مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن: «بۇ ئەينەكنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بار، نەچچە يۈز يىللىق مەلۇم خىل ئېنىرگىيە ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىلگەندە ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىيدۇ».

    3. سۇ ئاستى «ئالتۇن شەھىرى»:

    بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئالىملار ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكىدىن 9500 يىل ئىلگىرىكى سۇ ئاستى خارابىسىنى بايقىغان. بۇ سىرلىق سۇ ئاستى قەدىمىي شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ قالدۇق سۆڭىكى بار ئىدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، بۇ بۇ تەتقىقات ھىندىستان كامبېي قولتۇقى رايونىدىكى بارلىق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارنىڭ تارىخىنى 5000 يىل ئالدىغا سۈرۈۋەتتى، تارىخشۇناسلار بۇ رايوننىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۇ ئاستى قەدىمىي شەھىرىنىڭ نامى «دىۋاركا» (Dwarka) ياكى «ئالتۇن شەھىرى» ئىكەن.

    4. كەسلەنچۈك ئادەمنىڭ سىرى:

    بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۆت چوڭ سىر ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى ياۋايى ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر بولسا كېرەك. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا توختىماي «كەسلەنچۈك ئادەم»گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنىپ «ياۋا ئادەملەر» جەمەتىگە يېڭى ئەزا قوشتى. ئۇنداقتا، ئامېرىكىدا راستتىنلا «كەسلەنچۈك ئادەم» بارمۇ؟ بۇنىڭغا خېلى كۆپ ئادەم ئىشىنىدۇ. بىراق، ئالىملار بۇنىڭغا ئىشنىشكە بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش شارائىتى كەملىكىنى بىلدۈردى.

    5. يەر شارىدا نېمە ئۈچۈن كۈمۈش كۆپ، ئالتۇن ئاز؟

    يەر شارىدىكى بىر قىسىم قىممەتلىك مېتاللار، مەسىلەن ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەر دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى پىلانېتىنىڭ پارتلىشىدىن كەلگەن؛ كۆپ قىسىم يېنىك ئېلېمېنتلار، مەسىلەن ھىدروگېن ۋە گېلىيلار چوڭ پارتلاشتا شەكىللەنگەن. بىر قىسىم ئېغىر ئېلېمېنتلار، مەسىلەن، كاربون ۋە ئوكسىگېنلار تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى يادرو يىغىلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. بىراق، ئاز ئۇچرايدىغان ئېغىر مېتاللار، مەسىلەن، ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەر ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تۇرغۇن يۇلتۇز مۇھىتىدا شەكىللىنىدۇ. ئۇلار پەقەت كۆپ مىقداردىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار يوقالغاندا، يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى پىلانېتلار پارتلىغاندا ئاندىن شەكىللىنىدۇ. پارتلىغاندا كۈمۈش پەيدا قىلىدىغان يېڭى پىلانېتلار ئالتۇن پەيدا قىلىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن كۆپ.

    6. تاشقى پىلانېت ئادەملىرى:

    1976-يىلى قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار جېك بىلەن جىم ۋېننېر ۋە ئۇلارنىڭ دوستى كېچىدە بېلىق تۇتۇۋاتقاندا سىرلىق نۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلار پات-پات ئۆزلىرىنى ئالەم كېمىسىدىكى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى تەجرىبە قىلغانلىقىنى ئەسلىشىپ تۇردى. ئۇلار ئۇخلىتىش سىنىقى قىلىنغاندا ئەسلىمىسى شۇ ۋاقىتقا قايتىپ تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تەجرىبە قىلىپ بەدەن سۇيۇقلۇقى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

    7. ئوتېسنىڭ قارغىشى:

    دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان مومىيا «مۇز ئادەم ئوتېس» ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ئالپىس تاغ جىلغىسى مۇزلىرى ئارىسىغا 5300 يىل قاپسىلىپ تۇرغان. ئوتىس 14 يىل ئىلگىرى بايقالغاندىن كېيىن ئۇنى تۇتۇپ باققان بەش ئادەم ئارقا-ئارقىدىن ئەلەمدىن ئۆتتى. 2017-يىلى ئاۋسترىيە ئىنسبىرۇك ئۇنىۋېرسىتېتى «مۇز ئادەم تەتقىقات گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى كونرېد سىپىندلېرمۇ ئاشۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.

    8. روھنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك؟

    نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان روھنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بىر دوختۇر بۇ توغرىسىدا تەجرىبە ئىشلىمەكچى بولۇپ، كارىۋات ئۈستىگە ناھايىتى سەزگۈر تارازىدىن بىرنى لاھىيەلىدى. ئارقىدىن، سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمنى كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىدى ھەم ئۇنىڭدىكى ئېغىرلىق ئۆزگىرىشىنى كۆزەتتى. نەتىجىدە روھنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 21 گىرام كېلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

    9. دۇنيادا ئەر كىشى ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ، ئايال كىشىمۇ؟

    دۇنيادا ئەر كىشى ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ، ئايال كىشىمۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش خۇددى توخۇ ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ، تۇخۇممۇ دېگەن سوئالغا ئوخشاش قىيىن. تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئورتاق ئايال ئەجدادى، يەنى خوندىئوسومانىڭ يەر شارىدا پەيدا بولغان ۋاقتى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەر ئەجدادى Y خىروموسومدىن خېلى بۇرۇنلىقى بايقالدى.

    10. قەدىمكى رىمنىڭ 1-بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ 6000 ئادىمى سىرلىق يوقاپ كەتكەن:

    مىلادىدىن ئىلگىرىكى 53-يىلى كىراسسۇس 7 بىرلەشمە ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىپ تاللانغان 45 مىڭ ئادەمنى باشلاپ ئېفرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ قەدىمكى پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇرۇشتا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققان قەدىمكى رىم 1-بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ 6000 نەچچە ئادىمى سىرلىق يوقاپ كەتكەن. تارىخشۇناسلار پۇبلىيۇس قوماندانلىق قىلغان قەدىمكى رىم 1-بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ 6000 نەچچە ئادىمى ئاخىرىدا غەربتىكى سوغدىيانىگە (ھازىرقى قازاقىستان تەۋەلىكى) كەلگەن، ئاندىن ئۇلارنى پاناھىغا ئالغان دەپ قارايدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00