• ھەجۋىي سۈرەتلەر: يالغانچىلىققا تولغان دۇنيادا ياشاپ چارچىدىڭىزمۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-06 09:54
  • ھەجۋىي سۈرەتلەر: يالغانچىلىققا تولغان دۇنيادا ياشاپ چارچىدىڭىزمۇ؟

    كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ئادەم دېگەن سەمىمىي بولۇش كېرەك دەپ تەربىيە ئالىمىز، لېكىن بۇ دۇنيا يالغانچىلىق بىلەن تولغان. ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ئىشمۇ بەزىدە ئالدامچىلىق بولۇپ چىقىدۇ. تۆۋەندىكى 12 پارچە ھەجۋىي رەسىم بىزگە تۇرمۇشنىڭ ھەممە يېرىدە قىلتاق بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

    يۇقىرىقى سۈرەت: ئەمەلىيەتتە مەن بۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان، مېنىڭ چېچىمنىڭ سىلىق ۋە پەيزى تۇرۇشىدىكى سەۋەب ساتىراش بەش سائەت ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ مۇشۇنداق ياساپ قويغان.

    بۇ باتارېيە ئىنتايىن سۈپەتسىز، لېكىن بىر ئاز قىممەت، ئەگەر مەن ساڭا ساتالىسام مۇكاپات بار.

    تەربىيلەش مۇھاكىمە يىغىنى: «قانداق قىلغاندا بەش كۈن ئىچىدە پۇلى بار ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە ئايلانغىلى بولىدۇ»

    «ئەمەلىيەتتە مەن 45 مىنۇت ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەيمەن، كەينىدىن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بىلەن بۇ كىتاب خالتىلىرىنى ئەخمەق قىلىمەن».

    «سىلەرنىڭ پۈتۈن كۈچۈڭلارنى چىقىرىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقىنىڭلارغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ئەمدى سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا قىلچە قىممىتى يوق قەغەزنى ئالىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى».

    «سەن كېچىكىپ قالدىڭ»

    «نېمە ئىش يۈز بەردى؟»

    «ھېچنېمە، پەقەت كەلگۈم كەلمىدى خالاس»

    «بۈگۈن ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى، تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا ئۆتۈپتۇ- خىزمەت».

    «500 مېتىرنى يۈگۈرۈپ بولسام بولدى، ھازىر ئۆلەي دەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن- چېنىقىش».

    «قەدىرلىكىم، قەتئىي چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىم! ئەمدى مەن ئىككى سائەت ئىچىدە يۈك-تاقىمنى يىغىشتۇرۇپ، كەينىدىن 15 مىنۇت يىغلايمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئەپلىشىپ قالىمىز».

    «بولىدۇ، ئۇنداقتا مەن تېلېۋىزور كۆرگەچ تۇراي».

    «ئۇ چىپار نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ سىزنىڭ ئىستېمال مەسلىكى ئىجتىمائىي نارازىلىقىڭىزنى كۆرسىتەمدۇ؟».

    «ئۇنداق ئەمەس، مەن پەقەت بىر قىسىم رەڭلەرنى چېچىپ قويغان».

    «سىز نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ شىركەتكە خىزمەت ئىزدەپ كەلدىڭىز؟»

    «چۈنكى باشقا خىزمەتنىڭ تېخىمۇ تايىنى يوق، قانداقلا بولمىسۇن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالىدىم، ھەقىقەتەن تەلەيلىككەنمەن».

    «ياردەملەشسىڭىز قانداق؟»

    «مېنىڭمۇ بەك ياردەملەشكۈم بار، لېكىن مېنى ئاۋارە قىلمىسىڭىز».

    «سەن نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلمايسەن؟».

    «چۈنكى مەن سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى كۆرمەپتىمەن».

    «ياردەم كېرەكمۇ خانقىز؟»

    «كېرەك ئەمەس، ماللارنىڭ باھاسى بەك قىممەت ئىكەن، مەن پەقەت دۇكاندا ئۇزاقراق تۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ئۇنچە نامرات ئەمەسلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويماقچى».

    نۇرغۇن ۋاقىتتا بىز يۈزىمىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يالغان ئېيتىمىز، باشقىلارنىڭ بىزنى كۆزگە ئىلماسلىقىنى خالىمايمىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايمىز. لېكىن بۇ يالغانلار ئاخىرىدا بىزنى ھەرگىزمۇ خاتىرجەم قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا سەمىمىي بولۇڭ، يالغانلاردىن يىراق تۇرۇڭ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك