• قىزلار ئۈچ قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، يەتتە خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-06 09:37
  • قىزلار ئۈچ قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، يەتتە خاتالىقتىن ساقلىنىش كېرەك

    (Christian Dior) كىرىستىيان دىيور دۇنياغا مەشھۇر مودا كىيىم ماركىسى Diorنىڭ قۇرغۇچىسى) ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ئاددىيلىق، ياخشى مودا تۇيغۇسى ۋە پاكىز شۇنداقلا رەتلىك بولۇش كىيىنىشنىڭ ئۈچ چوڭ قانۇنىدۇر، يەنە كېلىپ بۇ ئۈچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇل خەجلەشمۇ كەتمەيدۇ.» بەزى كىشىلەر ئاددىيلىق ۋە مودا تۇيغۇسىدىن ئىبارەت باشتىكى ئىككى قائىدىگە دىققەت بىلەن ئەمەل قىلسىمۇ، ئەمما دائىم ئۈچىنچى قائىدىنى، يەنى «پاكىز ۋە رەتلىك بولۇش»نى ئۇنتۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشتىكى ئىككى قائىدە ئېلىپ كەلگەن گۈزەللىكنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر ئېھتىمال ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كىيىنىشىدىكى مۇنداق مەسىلىلەرنى ئۇچرىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن: بەزىلەر تولىمۇ چىرايلىق بىر يېڭى كىيىم ياكى بىر يېڭى ئاياغنى كىيىپ سىرتقا چىقىدۇ-يۇ، ئاشۇ كىيىم ياكى ئاياغنىڭ ماركىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بىز تۆۋەندە مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى كىچىك كۆرۈنىدىغان، ئەمما سىزنىڭ باشقىلارغا ئانچە ياخشى بولمىغان تەسىر بېرىشىڭىزگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىيىنىش مەسىلىسىنى بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتىمىز.

    1. رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كىيىملەر
    گۈلى يوق سىدام قارا كۆينەك قىزلارغا ناھايىتى يارىشىدۇ، ئەمما ئۇ كىيىم نەچچە ئون قېتىم يۇيۇلۇپ، رەڭگى ئەسلىدىكى مۇكەممەل قارا رەڭدىن كۆپ ئۆڭۈپ كەتكەن بولسا، بۇنداق كىيىمنى كىيىۋالسىڭىز سىز ھەرگىزمۇ پاكىز ۋە رەتلىك كىيىنگەن كۆرۈنمەي قالىسىز. قارا رەڭلىك كىيىملەرلا ئەمەس، باشقا ھەر قانداق قېنىق ۋە ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.

    ھەل قىلىش چارىسى: قارا رەڭلىك ياكى باشقا ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى پەقەت سوغۇق سۇدىلا يۇيۇش كېرەك، قۇرۇتقاندا ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق كىيىملەرنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرمەي ساقلاش ئۈچۈن سىز يەنە ئۇلارنى يۇغان سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسىڭىز، قارا رەڭلىك كىيىملەرنى يۇغاندا يەنە ئازراق قارا قەھۋە ياكى چاي قوشۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ئاسان رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدىغان رەختلەر زىغىر تالاسى رەختىدىن تىكىلگەن كىيىملەر ۋە ئاتسېتات تالاسى رەختىدىن تىكىلگەن كىيىملەردۇر. بۇلارنىڭ ئەكسىچە قوي يۇڭى ياكى نىلون رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر ئۇزۇنغىچە ئەسلىدىكى رەڭگىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

    2. مۇكەممەل بولمىغان ئاق رەڭلىك كىيىملەر

    خۇددى قارا رەڭلىك كىيىملەرگە ئوخشاشلا ئاق رەڭلىك كىيىملەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما، شەرت شۇكى، بۇ ئاق رەڭ چوقۇم مۇكەممەل ئاق رەڭ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئاق رەڭلىك كىيىمىڭىز تولا كىيىلگەنلىكتىن ياكى تولا يۇيۇلغانلىقتىن سارغىيىپ كەتكەن ياكى رەڭگى خۇنۇكلىشىپ كەتكەن بولسا، بۇنداق كىيىم باشقىلارغا مەينەتتەك، كىردەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ، يەنە تېخى باشقىلار سىزنى تولا تەرلەيدىكەن دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

    ھەل قىلىش چارىسى: يېڭى بىر قۇر ئاق كىيىم تاللىغاندا چوقۇم باشقا كىيىملەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەڭ ئاق تۇرغىنىنى تاللاڭ ۋە رەڭگى ئۆڭىدىغان ياكى ئۆڭمەيدىغانلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ. ئاق كىيىمنى يۇغاندا سۇغا ئازراق ھىدروگېن پىروكسىد ئېرىتمىسى (ياكى قوش ئوكسىگېنلىق سۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، سودا سۈيى ياكى لىمون ئېرىتمىسى قوشۇش ئارقىلىق يېنىك دەرىجىدىكى سېرىق داغلارنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر سېرىق داغلار چوڭ ۋە يۇيۇپ چىقىرىشمۇ قىيىن بولسا، ئەڭ ياخشى ئامال شۇكى، بۇ كىيىمنى بىراقلا تاشلىۋېتىڭ.

    3. ئېغى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئىشتان (ھارېم ئىشتىنى)

    ئەگەر سىز خىپ-خوپ ئۇسلۇبىنى ياخشى كۆرىدىغان قىز بولسىڭىز ياكى بالىلار چۆچەكلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەردىكى ئاشۇنداق مەلۇم پېرسوناژغا ئامراق بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئېغى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ھارېم ئىشتانلىرىنى كىيسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياش ۋە تېخىمۇ مودا كۆرۈنۈشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنداقتا مېنىڭچە بۇ ئىشتانلار سىزگە ھەرگىزمۇ ماس كەلمەيدۇ.

    ھەل قىلىش چارىسى: ئەگەر سىز بۇنداق ئىشتانلارنى كىيىشكە بەكلا ئامراق بولۇپ، ئۇلاردىن ۋاز كېچەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئىشتانلارنى ئەڭ ياخشىسى تەنھەرىكەت ئايىغى ياكى ساندال بىلەن ماسلاشتۇرۇپ كىيىڭ. ئۈستىڭىزگە كەلسەك سىز ئاددىيلا بىر قۇر مايكا ياكى جىلىتكە كىيىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    4. كىيىمنىڭ مۈرىسىگە چۈشۈپ قالغان چاچ كېپەكلىرى

    كىيىمنىڭ ئۈستىدىكى چاچ كېپىكى ئادەمنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان نەرسە. كىشىلەر سىزنىڭ مۈرىڭىزدە چاچ كېپەكلىرىنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان تۇنجى ئىش چوقۇم سىزدىن بىر قەدەم يىراق تۇرۇش بولىدۇ.

    ھەل قىلىش چارىسى: چاچ كېپىكىنىڭ ئايىنىپ كېتىشى ئېھتىمال چېچىڭىزنىڭ تولىمۇ قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، ياكى سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە مەلۇم بىر خىل ۋىتامىن كەمچىل بولۇشىمۇ مۇمكىن. سىز ئالدى بىلەن چېچىڭىزنىڭ كېپەكلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشىڭىز كېرەك، ئەمما بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن دىققەت قىلىدىغان نۇقتىڭىز شۇكى، چېچىڭىزدىكى كېپەك يوقىماي تۇرۇپ ئامالنىڭ بارىچە قارا رەڭلىك كىيىم كىيمەڭ.

    5. زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى بەك كۆپ تاقىۋېلىش

    ھەر خىل زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى قىلغان گىرىم ۋە كىيگەن كىيىملەر بىلەن توپتوغرا ماسلاشتۇرۇش ئەڭ ئۇستا لايىھەلىگۈچىلەر ۋە گىرىمچىلارنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. زىننەت بۇيۇملىرى ئاز ۋە ساز بولسا ئادەمنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىدۇ، ئەمما ھەددىدىن زىيادە كۆپ زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى سىزنى چاكىنا ۋە غەلىتە كۆرسىتىپ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

    ھەل قىلىش چارىسى: مودا دۇنياسىدىكى گىگانت شەخس كوكو چەنېل (Coco Chanel) خانىم ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ئۆيىڭىزدىن چىقىش ئالدىدا ئەينەككە يەنە بىر قارىۋېتىڭ، ئاندىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىڭىزدىن بىرنى ئېلىۋېتىڭ». دىققەت قىلسىڭىز، ئۇ بىزگە مەڭگۈ ئۆزىمىزنىڭ قىياپىتىمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ھەددىدىن زىيادە ياسىنىپ كەتمەسلىكىمىزنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ.

    6. ساگىي ئىشتانلىرى

    ساگىي ئىشتىنى ئىنگىلىزچە Saggy Pants دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، خەنزۇچە 沙基裤 دېيىلىدۇ، بۇنداق ئىشتاننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ كەمەر تاقاش ئورنى بەلنىڭ بەكلا ئاستىدا بولىدۇ. بۇ سۈرەتكە قارىسىڭىزلا بۇنداق ئىشتاننى كىيىشنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتا تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. بۇنداق ئىشتان گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا ناھايىتى سەت.

    ھەل قىلىش چارىسى: ئىشتان ئالغاندا بەل ئايلانمىڭىزغا ماس كېلىدىغان ئىشتان تاللاڭ، بېلى تۆۋەن ئىشتانلاردىن چوقۇم يىراق تۇرۇڭ.

    7. كىچىك تەپسىلاتلارغا پەرۋاسىز قاراش

    چەتئەللەردە «ئالۋاستى كىچىك تەپسىلاتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان» دېگەن گەپ بار، بۇ بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «كۆزگە ئىلمىغان چوماق باشنى يېرىپتۇ» دېگەن ماقالغا يېقىن كېلىدۇ. ئاپئاق چىشىڭىزغا قىزىل رەڭلىك كىچىككىنە لەۋسۇرۇخ ئىزى چىقىپ قالسا، ياكى كىيىمىڭىزدىن كىچىككىنە بىر تۆشۈك ئېچىلىپ قالسا، ۋە ياكى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى چىشىڭىزغا بايا يېگەن تامىقىڭىزدىكى بىرەر كۆكتاپ پارچىسى چاپلىشىپ قالسا… بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.

    ھەل قىلىش چارىسى: يەنىلا كوكو چەنېل خانىم ئېيتقاندەك، ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا ئەڭ ياخشىسى ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزنى بىرەر مىنۇت تەكشۈرىۋېتىڭ. قەھۋە ئىچكەندە ياكى بىرەر نەرسە يېگەندىمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىڭ. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك