• بۇ بەش خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق دائىملا ھىيلىگەر كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-07 01:08
  • بۇ بەش خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق دائىملا ھىيلىگەر كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ

    دائىم دېگۈدەك باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىدىغان بەش خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق.

    بىرىنچى قورقۇنچ: ئىنسانىيەتنىڭ پىسخىكىلىق مايىللىقىدا بېكىتىلگەن شەيئىلەر بولىدۇ، ئەمما ئېنىقسىزلىق بىر خىل تەبىئىي قورقۇنچ ھېس قىلدۇرىدۇ، زور مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، بولۇپمۇ ھايات-ماماتلىق پەيتتە بۇ خىل ئېنىقسىزلىق قورقۇنچنى تېخىمۇ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدۇ. بۇچاغدا قەلبتىكى قورقۇنچنى تۈگىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر سىرتقى مۇھىتتىن تەسەللىي تاپماقچى بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنداق چاغدا ئەقلىنى يوقىتىپ قويغانلىقتىن، ئاسانلا باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. نۇرغۇن پال ئېچىش ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللانغان چارىسى دەل مۇشۇدۇر.

    ئىككىنچى نەپسانىيەتچىلىك: نەپسانىيەتچىلىكنىڭ تۈپكى ماھىيتى ئىنسانلارنىڭ ياشاشتىكى نەپسىدۇر، قەدىمدىن تارتىپ قانچە كۆپ ئېرىشكەن ئادەم ياشاش پۇرسىتىغا شۇنچە كۆپ ئېرىشىدۇ دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا بۇخىل نەپسانىيەتچىلىك يەنە ئىنسانلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتىدۇر.

    پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش، پايدىنى قايرىۋېلىش، ساختا تىرىشچانلىق قاتارلىقلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغىنىنىڭ ھەممىسى نەپسانىيەتچىلىكتۇر. گەرچە بۇ خىل پىسخىكا بەزىدە كىشىلەرنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى تۈرتكىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدۇ.

    ئۈچىنچى سوۋغات بېسىمى: كىشىلەر بىزگە ھەدىيە بەرگەندە بىزدە چوقۇم قايتۇرۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ، بۇ بېسىمدۇر. تەدرىجىي تەرەققىيات پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قايتۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر شۇ توپتىكى باشقا ئەزالارنىڭ مەنسىتمەسلىكىگە ئۇچرايدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ توپتا پۇت تىرەپ تۇرۇش پۇرسىتى بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، باشقىلار بىزگە شەرتسىز سوۋغات بەرگەندە، گەرچە بۇ ھەدىيە كېرەكسىز بولسىمۇ، بىز يەنىلا قايتۇرۇشنى ئويلىشىمىز.

    ھەرخىل ھەقسىز سىناپ بېقىش ھەققىدىكى سېتىش ۋاسىتىسىمۇ كىشلەرنىڭ مۇشۇ خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولىدۇ. 

    تۆتىنچى: ئەگىشىش پىسخىكىسى.

    كۆپ ساندىكى ئادەملەر بۇ ئەگىشىش پىسخىكىسىنى بىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭ قۇدرىتىنى بىلمەيدۇ. 

    تۆۋەندە مەشھۇر «ئاسچى ئەگىشىش پىسخىكا تەجرىبىسى»نى سۆزلەيمىز:

    سىناق قىلىنىدىغان يەتتە ئادەم بىر گۇرۇپ بولۇپ، ئارىدىن ئالتە ئادەم ئەمەلىيەتتە تەجرىبە ياردەمچىسى، پەقەت بىرىلا ھەقىقىي تاللاپ سىنىلىدىغان ئادەم. ئۇلار a,b,c دىن ئىبارەت ئۈچ تال سىزىقنىڭ قايسىسىنىڭ ئۆلچەملىك سىزىق بىلەن باراۋەر ئۇزۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى تاللىشى كېرەك.

    تەجرىبىدە قەستەن ھالدا ئالتە ئادەمنى خاتا تاللاتقۇزۇپ، يەتتىنچى ئادەمنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ياكى توپقا ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. نەتىجىدە، مىڭلاپ تەجرىبە قىلىنغان ئادەملەر ئىچىدىكى تۆتتىن بىر نىسبەتتىكى ئادەم ھامان مۇستەقىل پىكرىنى ساقلاپ قالغان.

    ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىز سىزنىڭ خىيالىڭىزدىنمۇ ئاجىزدۇر.

    بەشىنچى: نۇر ھالقىسى ئېففېكتى

    مەلۇم ئادەمنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغاندا، بىز ھامان ئۇنىڭ يەنە باشقا ئارتۇقچىلىقىغا مايىل بولىمىز. بۇ ئادەمنىڭ بىز باشتا بىلىپ بولغان ئارتۇقچىلىقى خۇددى بىر نۇر ھالقىسىغا ئوخشاش بۇ ئادەمنىڭ بارلىق ماھىيتىنى توسۇۋالىدۇ. مانا بۇ پىسخىكىدا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان نۇر ھالقىسى ئېففېكتىدۇر.

    ئىنچىكە ئويلىنىپ كۆرۈڭ، سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ياخشىراق ئادەمگە باھا بەرگەندە، ئۇنى ئاساسىي جەھەتتىن نۇقسانسىز دەپ قارايسىز، ئەكسىچە بىر قەدەر ناچار ئادەملەرنى باھالىغاندا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىسىز.

    شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار دائىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىل ئاجىزلىقىدىن پايلىنىپ، ئۇلارنىڭ نۇقتىئنەزەرىنى غەلەت قىلىۋېتەلەيدۇ ھەم ئۇلارنى قايمۇقتۇرالايدۇ.

    بۇ بەش خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق تەرەپتە كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر سىز ھەر كۈنى بۇ بەش خىل پىسخىلىكىلىق ئالاھىدىلىكنى قەلبىڭىزدە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، خاتالىشىش قېتىم سانىڭىزمۇ ئازلايدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00