• ئۇرۇق نىمدىن قورقىدۇ

  • يوللىغۇچى : بوغدا
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-07 06:03
  • ئۇرۇق نىمدىن قورقىدۇ

      نۇرغۇنلىغان ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇرۇق ئۇقەدەر«قورقۇنچاق»ئەمەس، تۇرمۇشتىكى بەزى ناچار ئادەتلەرگىمۇ چىداشلىق بېرەلەيدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە خاتا،-دىدى بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى.

      ھەربىر ئەر ھايات سەپىرىدە كۆپ مىقداردا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ. تۇرمۇشتىكى بۇ ئۇرۇق ناھايىتى چۈرۈك ۋە نازۇك كېلىدۇ. بەزى ناچارتۇرمۇش ئادىتى ۋە ناچار تۇرمۇش شەكلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، ئۇرۇقنىڭ مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇرۇق «نىمىدىن قورقىدۇ»؟ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىلار ئارقىلىق بۇ سۇئالغا جاۋاب تېپىشىڭىزغا ياردەمدە بولىدۇ:

    1.ئۇرۇق تاماكا ۋە ھاراقتىن قورقىدۇ. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش بولسا ئۇرۇقنىڭ چوڭ دۈشمىنى، تاماكىدىكى نىكوتىن ئەرلەردىكى جىنسىي ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇرۇقنى بىۋاستە يوقىتىۋېتىدۇ. ئۇزاق مەزگىىل داۋاملىق تاماكا چەكسە، ئۇرۇقنىڭ %70ى ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ.

    2. ئۇرۇق ئاچلىقتىن قورقىدۇ. تاماقنى ۋاقتى-قارايىدا يېمەسلىك، تاماق تاللاش، قورساق ئېچىپ كېتىش قاتارلىقلاردا بەدەندە سىنىك ماددىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەرلەردە سىنىك كەم بولسا، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىشىدۇ، ئۇرۇقنىڭ سانىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

    3. ئۇرۇق ئىسسىقلىقتىن قورقىدۇ. ئۇرۇقدان خالتىسى بولسا ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ماشىنىدۇر. ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىن دائىم 3~2سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەن بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئاندىن ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەگەر ئەرلەر يۇيۇنغاندا داۋاملىق جىنسىي ئەزاسىنىمۇ قىززىق سۇدا يۇيسا ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ.

     

     4. ئۇرۇق كەيپىياتنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن قورقىدۇ. ئەر-خوتۇنلار ئىناق ئۆتمىسە، خاپا بولۇشۇپ، خۇيلىنىپ قالغاندا، نېرۋا سېستىمىسى ۋەئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ، ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.

    5. ئۇرۇق دورا ۋە رېنتىگىن نۇرىدىن قورقىدۇ. بەزى دورىلار ئۇرۇقنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، مەسىلەن: فۇران (呋喃类) تۈرىدىكى دورىلار، ھورمۇنلار ئۇرۇقنىڭ ھاسىل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ، رېنتېگىن نۇرى ئۇرۇقنىڭ بويالغۇچى تەنچىسىدە غەيرىي ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىدۇ.

    بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى ماتېرىيالغا تەمىنلىگەن.


    مەنبەسى :شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00