• ئاياللار نىمە ئۈچۈن ھەيز كۆرىدۇ؟-- بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن

  • يوللىغۇچى : بوغدا
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-07 06:46
  • ئاياللار نىمە ئۈچۈن ھەيز كۆرىدۇ؟-- بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن


        ئاياللاردا ھاياتلىق باشلىنىش بىلەنلا ھەيز كۆرۈش شارائىتى ھازىرلانغان بولۇپ، بۇنى ئاياللارنىڭ جىنسىي بېزى، تۇخۇمدېنى بەلگىلىگەن.


        قىز ھامىلە ئانىسىنىڭ تېنى ئىچىدە ئالتە ھەپتىلىك(تۆرەلگىنىگە سەككىز ھەپتە)بولغاندا، تۇخۇمدېنىنىڭ تۇخۇم ئىپتىدائىي ھۈجەيرىسىنىڭ دەسلەپكى شەكلى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. تۆرەلگىنىگە بەش ئاي بولغاندا، تۇخۇمدېنى ئىچىدىكى تۇخۇم ئىپتىدائىي ھۈجەيرىسى كۆپىيىپ، 4مىليون 800مىڭغا يېتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تۇخۇم ئانا ھۈجەيرسىگە ئۆزگىرىدۇ، ئەمما كۆپىنچىسى ئۆسۈش جەريانىدا چېكىنىپ كېتىدۇ، شۇنداقتىمۇ، قىز ھامىلە تۇغۇلغاندا، تۇخۇمدېنى ئىچىدە يەنىلا 1مىليون ئانا ھۈجەيرە بولىدۇ ھەم ھەربىر ئانا ھۈجەيرىنى بىر قەۋەت دانىچە ھۈجەيرە ئوراپ، ئاساسىي تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ،


     يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق دەۋرىدىن كېيىن، ئاساسىي تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسۈش جەريانىد ائۆلۈپ تۈگەيدۇ، قىز بالا يەتتە ياشلارغا كىرگەندە تەخمىنەن 300مىڭ، 16ياشقاكىرگەندە 150مىڭ، 26~35يېشىدا 60مىڭ ئاساسىي تۇخۇم پۈۋەكچىسى قالىدۇ. بالاغەت دەۋرى يېقىنلاشقاندا، زور تۈركۈمدىكى ئاساسىي تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئۆلۈپ تۈگەش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئاز ساندىكى ئاساس تۇخۇم پۈۋەكچى خەتەرلىك قىسمەتتىن ئامان قېلىپ باشلانغۇچ دەرىجىلىك تۇخۇم پۈۋەكچىسى بولۇپ يېتىلىدۇ. بۇ چاغدا، تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىدكى تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىلىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، دانىلىق ھۈجەيرە قەۋىتى بىرقەۋەتتىن بىرقانچە قەۋەتكە ئۆزگىرىدۇ. تۇخۇم پۈۋەكچىلىرى داۋاملىق يېتىلىپ خالتىسىمان تۇخۇم پۈۋەكچىسى 


    بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە تۇخۇمداننىڭ ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتىگە يۆتكەلگەندە، بىر قاتار فېرمېنتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. مۇۋاپىق پەيىتتە خالتا دىۋارى ئېرىپ ۋە يىرتىلىپ، تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى خالتا سۇيۇقلۇقى بىلەن بىرگە ئېقىپ چىقىدۇ، بۇ تۇخۇم يېرىلىش دېيىلىدۇ. تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، تۇخۇم ئاجرالمىسىدىكى جىنسىي ھورمۇن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدە بىرقاتار ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەسلىدە تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىپ يېڭى ھۈجەيرە ھاسىل قىلىپ بالىياتقۇ ئىچكى


    پەردىسىگە كىرىۋېلىشى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق بولسىمۇ، ئەمما تۇخۇم ئۇرۇقلىنالماي قالسا، تەييارلىنىپ بولغان بالىياتقۇئىچكى پەردىسى مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى يوقىتىپ سويۇلۇپ ئاجرايدۇ ھەم يېرىلغان قان تومۇلاردىن قان چىقىپ ھەيزغا ئۆزگىرىدۇ.

    مەنبە:<<ئاياللارنىڭ كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە سالامەتلىكىنى ئاسىراش توغرىسىدا>>دىگەن كىتابتىن ئېلىندى، بوغدا دوختۇرخانىسى رەتلەپ تارقاتقان.



    مەنبەسى :بوغدا دوختۇرخانىسى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00