• قىز دوستىڭىزنىڭ «بىر مىنۇت» دېگىنى زادى قانچىلىك ۋاقىت؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 12:07
  • قىز دوستىڭىزنىڭ «بىر مىنۇت» دېگىنى زادى قانچىلىك ۋاقىت؟

    ئارام مەزگىلىدە بارلىق ئەر قېرىنداشلار، سىلەر قىز دوستۇڭلار، ئايالىڭلار ياكى ئاپاڭلارغا ھەمراھ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ بازار ئايلاندىڭلارمۇ؟ 

    قىز دوستىڭلار ئىشىكتىن چىققۇچە، ئۇ «مېنى جىننىدەك بىر مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭ»، دېگەندە، بەلكىم راستىنلا بىر ئەسىر ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. 

    ئەلۋەتتە، قىز دوستىڭىزنى ساقلاپ ئىشىكتىن چىقىشىڭىز خاتا ئەمەس. 

    تۆۋەندىكى بىر قانچە پارچە سۈرەت توردا شىددەت بىلەن ئالقىشلاندى. تورداشلار بەس-بەستە، بۇ دەل ئوغۇل-قىز دوستلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، دېيىشتى.

    دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە قىز دوستى ئوغۇل دوستىنى «@» قىلغاندا، ئوغۇل دوستىنىڭ ھايات قېلىش ئىستىكى تۇيۇقسىزلا كۈچىيىپ كېتىدۇ.

    بىراق، بەزىدە داۋالاشتىن ۋاز كېچىدىغان ئوغۇل دوستلارمۇ قىز دوستىنى «@» قىلىپ باقىدۇ. 

     دەل مۇشۇ چاغدا ئويلىمىغان يەردىن ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.

    ئەگەر سىز ئىشكتىن چىققاندا ئازىراقلا ساقلايمەن، دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا، بەكلا ساددىلىق قىلغان بولىسىز. 

    تورداش چىيان 23: ئۇنىۋىرسىتېتىكى ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە كەسكىنلىك بىلەن، ئون يىلدىن كېيىن، سىلەر تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىدىكى ئورۇندۇقلارنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك قويۇلۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىسىلەر، دېدى. 

    بىراق بەزىلەر بۇ جاينىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلاندى. ئەگەر يولدىشى يۈتۈپ كەتسە، بۇ سودا ساراي تۆلەپ بېرەمدۇ-يوق؟

    يەنە بەزى خانىم-قىزلار بولۇشىچە مال سېتىۋېلىپ، يولدىشى ياكى ئوغۇل دوستىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ، بىراقلا كېتىپ قالامدۇ؟ 

    شۇڭا، قىز دوستىڭىزنى ساقلىغاندا، تۆۋەندىكى ئاماللار ئەڭ ئۈنۈملۈكتۇر: 

    يانفوننى قولىڭىزغا ئالىسىز-دە، ئويۇن ئويناپ، يېشىل قارىغايدىن شاھقا ئايلانغان ۋاقىت ئىچىدە ئاندىن ئىشىكتىن چىقساڭلار بولىدۇ.

    قايتا قويۇلغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشكتىن چىقسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز.

    سودا ساراي ئايلانغاندا، چوقۇم توكداننى ئېلىۋېلىشنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، چوقۇم ئېلىۋېلىڭ.

    ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، قىز دوستىنى ئالغىلى كېلىدىغانلار دىققەت قىلىڭلار: چۈنكى كۆپىنچە قىزلارنىڭ لوگىكىسى شۇنداقكى، ئۇنىڭ ئاستا ئىش قىلىشى يوللۇق، ئۇ تېز بولسا بولىدۇ، بىراق سىز ئۇنىڭدىن ئاستا بولسىڭىز بولمايدۇ! 

    ئۇنداقتا، سىزنىڭ ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كۈتۈشىڭىز قانچىلىك بولغان؟

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00