• بالدۇر ئۇخلاي دېسىڭىز بۇ ئالتە «ئىللەت» نى يوقىتىڭ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 12:26
  • بالدۇر ئۇخلاي دېسىڭىز بۇ ئالتە «ئىللەت» نى يوقىتىڭ

    تۈنىگۈچىلەر ئەمەلىيەتتە ئۇخلىماقچى بولىدۇ-يۇ، ئۇخلىيالمايدۇ، «كەچ يېتىش مەجبۇرلاش كېسىلى» بارلار بولسا مەجبۇرىي ھالدا كەچ ياتىدۇ. گەرچە ئۇلارمۇ تۈنەشنىڭ خەتىرىنى بىلسىمۇ، كۈندۈزى ئۆزىگە قىلغان بالدۇر ئۇخلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمايدۇ، بۇنىڭدا تۈنىگۈچىلەرنىڭ ئالتە تۈرلۈك روھىي سەۋەبى بار:

    زىيادە ئۈستۈن پىسخىكىلىق ئىنتىلىش. ئۇخلاشنى ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق دەپ قارايدۇ، ئۇخلاپ قالسا ئۆزىنى گۇناھكار چاغلايدۇ، ئۇيقۇ ۋاقتىنى تېجەش ئارقىلىق ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلماقچى بولىدۇ.

    ناچار پىسخىكىلىق بېشارەت. پەقەت كېچىدىلا ئىلھام كېلىدۇ دەپ قارايدۇ.

    كۈندۈزىگە بولغان قۇتقۇزۇش پىسخىكىسى. كۈندۈزى قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىنى كېچىسى پۈتتۈرمەكچى بولىدۇ.

    ئاخىرقى پەيتتىكى ئۇتۇق تۇيغۇسى. تاپشۇرۇشقا ئاز قالغان خىزمىتىنى ئاخىرقى پەيتتە پۈتتۈرگەندىكى ئۇتۇق تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.

    ئۇيقۇ دىسرىتمىيە توسالغۇسى بولۇشى مۇمكىن.

    بەزى كىشىلەرنىڭ كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، ئەتىگەندە تۇرالمايدۇ، كۈندۈزى مۈگدەپ، «ئۇيقۇ بۆلۈمىگە بېرىپ فازا كېچىكىش توسالغۇسى»نىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك. بۇمۇ بىر كېسەللىك بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، كېسەل بولۇش نىسبىتى %3.3~%16. بىمارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئەتىگەن ئويغىنىشى تەس بولۇپ، كۈندۈزى تۇرمىقى تەسكە چۈشىدۇ.

    ئېرسىيەت ئامىلى، تۇرمۇش ئادىتى ياكى كەسپىي ئالاھىدىلىكى يەنى كېچىسى ئىشلەيدىغانلار.

    بۇ روھىي سەۋەبلەرنى يېڭىش ئۈچۈن، كۈندۈزىنى قولدىن بەرمىگەندە ئاندىن كېچىسى ئۇخلىغىلى بولىدۇ، يەنە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

    ھۇجرا جىمجىت، خالىي ۋە قاراڭغۇ بولۇشى كېرەك.

    ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەن بولۇشى كېرەك، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا 18 بولغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن.

    ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلاردىن يىراق تۇرۇش.

    ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تويۇپ يەۋالماڭ، ھاراق، قېنىق چاي، قەھۋە ئىچمەڭ، ئېغىر ھەرىكەت قىلماڭ.

    ئىلمان سۇدا پۇتىڭىزنى چىلاڭ.

    كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ.

    ئۆزىڭىزنى ئۇخلاشقا مەجبۇرلىماڭ. ئۇىلىيالمىغانسېرى توختىماي سائەتكە قاراپ، قويلارنى ساناپ يۈرمەڭ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تىنچلىنىڭ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00