• بۇ 20 ئىشتا چىڭ تۇرسىڭىز ھاياتىڭىز مەنىلىك ئۆتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 12:20
  • بۇ 20 ئىشتا چىڭ تۇرسىڭىز ھاياتىڭىز مەنىلىك ئۆتىدۇ

    ئەگەر سىز بىر ئىشنى خاتا قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم 9 ئىشنى توغرا قىلىش ئارقىلىق شۇ بىر خاتالىقنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك. خاتالىقنىڭ كەينىدىن ئەگەشسىڭىز مەڭگۈ خاتالىشىپ كېتىۋېرىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا مەڭگۈ ئۆزىڭىزگە تۆۋەندىكى 20 خىل ئىشنى قىلماڭ:

    1. ناچار ئادەم ۋە ناچار ئىشلار بىلەن ئارىلاشماڭ. چۈنكى سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىز پەقەت ياخشى ئىشلارغىلا «ئىسراپ» بولۇشقا يارالغان.

    2. ئۆلگىچە ئۆگىنىش كېرەك، ئۆگىنىش قەدىمىنى مەڭگۈ توختىتىپ قويماڭ. بولمىسا ھامان دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىسىز.

    3. ئۆزىڭىزدەك بولسىڭىزلا كۇپايە، باشقىلارنى قارىغۇلارچە دورىماڭ.

    4. ياشلىق ھېسسىياتىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ، بۇ ياش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەزىلەر 30 ياشتىلا قېرىيدۇ، بەزىلەر 80 گە كىرگەن بولسىمۇ يۈرىكى ياش پېتى تۇرىدۇ، تۇرمۇشقا باش ئەگمەڭ، باتۇر ۋە قورقماس بولۇڭ، مەڭگۈ ياش تۇرىسىز.

    5. ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە خوراتماڭ، ئارزۇيىڭىز ئۈچۈن چارچايسىز، غەلىبە ئۈچۈن ساغلاملىقىڭىزنى خورىتىسىز، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت ئارقىلىق ساغلاملىققا قايتىدىن ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ساغلام بەدەن ئىنقىلابنىڭ ئاساسىدۇر، ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە ئۇپراتماڭ، ئەرزىمەيدۇ.

    6. بىكار قالماڭ، ئالدىراشلىقتا چارچاشنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، لېكىن ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئالدىراش بولغاندا چارچاشمۇ بىلىنمەيدۇ؛ بىكارچىلىق گەرچە راھەت بولسىمۇ، لېكىن بىكارچىلىقنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە ھايات داتلىشىپ كېتىدۇ. كۈرەش قىلالايدىغان يېشىڭىزدا راھەتنى تاللىۋالماڭ، ئورۇنسىز ئالدىراشلىقنىڭ نەتىجىسى چىقمىسىمۇ، ئۆزىڭىزگە «ئاددىيلىق-قىممەتلىك» دەپ ساختا تەسەللىي بېرىپ يۈرمەڭ.

    7. ئاسان يولنىلا تاللىۋالماڭ. ئىنساننىڭ گاڭگىراپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىز نىيىتىڭىزگە چىقىش قىلمىدى. تۈپتۈز يولنىلا تاللىۋالماڭ، سىز كۈتكەن گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى ھامان مېڭىش تەس بولغان چىغىر يوللاردا.

    8. خاتالىشىشتىن قورقماڭ. خاتالىشىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى ئەزەلدىن خاتالاشماسلىق. خاتالىقنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە بىر ئۆگىنىش پۇرسىتىدۇر، ھەممە ئادەم خاتالىشىش جەريانىدا چوڭ بولىدۇ، خىجىللىقتىن كېيىن باتۇر بولىدۇ.

    9. بەختىڭىزنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلماڭ. چۈنكى ئادەم ئۆزگىرىدۇ، ھېسسىياتمۇ تۈگەيدۇ. ھەركىم ئۆز ھاياتىنىڭ مۇساپىسىنى ئۆزى مېڭىپ تۈگىتىشى كېرەك، ھېچكىممۇ سىز ئۈچۈن بەختلىك بولالمايدۇ، يەنە ھېچكىممۇ سىزنىڭ بەختىڭىزگە ھېسابات قىلمايدۇ، ئۆزى ياراتقان بەختنىلا ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ.

    10. ھەممە تەييارلىقنىڭ پۈتۈشىگىچە ساقلاپ ئولتۇرماڭ. گەرچە ھەممىلا شەيئىنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار دېيىلگەندىمۇ، بۇنداق پۇرسەت ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.

    11. ئىنچىكە تەسىراتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەڭ. ئاددىيغىنە تۇرمۇشتا نۇر چاچىدىغىنى ھامان ئاشۇ ئىنچىكە تەسىراتلاردۇر. ھاياتتىكى ھەربىر گۈزەل مىنۇتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەڭ، چۈنكى سىز بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.

    12. ھەرقانداق ئىشقا، ھەرقانداق ئادەمگە ئالدىراپ خۇلاسە چىقارماڭ.

    13. يارىلىنىشتىن قورقۇپلا باشلىنىشنى رەت قىلماڭ. ھاياتنىڭ ماھىيتىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ھاياتنى سۆيىدىغانلارلا ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ.

    14. ناچار تەرىپىڭىزنى سۆيگەن ئادىمىڭىزگە قالدۇرماڭ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتالىقى. يەنە يېقىملىق ۋە سەۋرچان تەرىپىڭىزنى ياتلارغىلا كۆرسىتىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.

    15. تۆۋەنچىلىك بىلەن سۆيمەڭ. سىزنىڭ سۆيىشىڭىزگە ماس كەلمەيدىغان بىر ئادەم سىزنىڭ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويۇشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ. سۆيۈشنىڭ مۇددىئاسى ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى يارىلاندۇرۇش بولمىسۇن. بەزى سۆيگۈلەرگە ئۇچراشقا بولىدۇ، ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ساقلاپ كەلمىگەن ئادەمنى ئەمدى ساقلىماڭ. قاتنىشالمىغان دۇنياغا قىستىلىپ يۈرمەڭ.

    16. ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ. ئۆزىنى ئالداش باشقىلارنى ئالداشتىن ئاسانراق بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئويغاتماق باشقىلارنى ئويغىتىشتىن تەسرەك بولىدۇ. ئىنساننىڭ قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە، ئۆزىنى تونۇشتا، ئۆزىنىڭ ماھىيتىگە يۈزلىنىشتە، ئۆزىنى سالماقلىق بىلەن قوبۇل قىلىشتا. شۇنداق بولغاندىلا ئاسمىنىڭىز تېخىمۇ كەڭرى بولغان بولىدۇ.

    17. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى چۈشەندۈرۈشكە سەرپ قىلماڭ، چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ ئۇ سىزنى بىلىدۇ؛ چۈشەنمىگەنلىرىگە ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ سىزگە ئېتىبار بەرمەيدۇ. ھايات ئۇزۇن، ئۆز يولىڭىزدا كېتىۋېرىڭ، ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلىسىڭىزلا كۇپايە.

    18. «شىر چوروقۇڭنى قۇرۇتما». شۇنداق بولغاندىلا ئەبەدىيلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىلگىرلەش يولىڭىزدا توختاپ كەينىڭىزگە يەنى چىقىش نۇقتىڭىزنىڭ نەدىلىكىگە قاراپ بېقىشنى ئۇنۇتماڭ.

    19. دائىم باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرماڭ؛ باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىگە ھەۋەس قىلىپلا ئۆزىڭىزنىڭ مۇيەسسەر بولغىنىنى تۆۋەن چاغلىماڭ؛ سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، باشقىلارنىڭ خەرىتىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز نىشانىڭىزنى بېكىتىپ يۈرمەڭ. سىزنىڭ ھەممىلا ئادەمدىن ئېشىپ چۈشىشىڭىز ھاجەتسىز، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن تېخىمۇ ئەلا بولسىڭىز كۇپايە.

    20. ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات. ئۆتكەننى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، يوقاتقىلىمۇ بولمايدۇ. ئىنسان قەلبى بەئەينى دېڭىز، ئۆتكەننى ئۆتكۈزۈۋەتكەندىلا، باشلىنىشنى باشلىغىلى بولىدۇ. «ئەھمىيەتلىك ياشىغان ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئۇ ھاياتتىن ھوقۇم ئەڭ كۆپ تەسىرات ئالغان بولۇشى مۇمكىن.  __ رۇسسو». سىزگىمۇ ھاياتتىن تەسىرات ئېلىپ، مەردانە ياشاش نېسىپ بولسۇن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00