• قىز-ئاياللار ئۆمرىدە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 20 خىل قائىدە

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 12:12
  • قىز-ئاياللار ئۆمرىدە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 20 خىل قائىدە


    1. مەيلى سىز ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ سۇبيېكتى. شۇڭا سىز ياتلىق بولماقچى بولغان ئەرنىڭ چوقۇم مەلۇم بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان بولۇشى كېرەك.

    2. ئەرلەرنىڭ 25 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئاياللارغا بەرگەن مۇھەببىتى ئاساسىي جەھەتتىن ساختا بولىدۇ ياكى سىز ئويلىغاندەك ساپ ۋە مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ئەگەر سىز 25 ياشتىن ھالقىپ بولغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئەقەللىي ساۋاتنى چۈشىنىپ بوپسىز.

    3. تاماقنى %70 لا تويۇنۇپ يېيىش كېرەك. ئوغۇل دوستىڭىزغىمۇ %70 لا مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، جىق يەۋالسا ھەزىم قىلىشىمۇ تەس بولىدۇ، مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق، جىق ئاتىۋەتسە بېسىم بولىدۇ.

    4. 30 ياشتىن ئىلگىرى ساغلاملىقىڭىزنى ئاسراڭ، تار كىيىملەرنى كىيىش ئۈچۈن ئورۇنسىز تاماق قىسماڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى: ئاۋۋالقى 30 يىلدا سىز كېسەلنى ئىزدەيسىز، كېيىنكى 30 يىلدا كېسەل سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئەگەر سىز 30 ياشتىن ھالقىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ساۋاتنىمۇ چۈشىنىپ بوپسىز.

    5. كەسىپ چوقۇملا مۇھەببەتتىن مۇھىمدۇر. ئەگەر كەسىپنى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا مۇھەببەتمۇ بىر گۈلنىڭ ئېچىلغان پەسلى بىلەن باراۋەر، خالاس.

    6. سىزنى قوغلاشقانلا ئەرنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلماڭ. مەڭگۈ ئىشىنىڭكى: ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئېرىشىش مۇساپىسىدە بىر تاغ بولىدۇ. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ياخشى ئەرلا ئارىدىكى جاپالاردىن باش تارتمايدۇ.

    7. پۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىنىڭ ھەممىسى مەسىلە ئەمەس. ئەرلەر دائىم ئاياللارنى كىيىم-كېچەككە ئوخشىتىدۇ، پۇل بولسىلا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ..

    8. ئۆزىڭىزنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئارتۇقچە مەيۈسلەنمەڭ ۋە ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ. ئادەممۇ جانلىق، لېكىن ھايۋانلار بىلەن پەرقلىق. تۇغما ئالاھىدىلىك سىزنىڭ بەختكە ئېرىشىشتىكى توسالغۇڭىز بولالمايدۇ. ئادەمنىڭ قەلبى سىرتقى قىياپىتىنى بېسىپ چۈشكەن بولىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىڭ. ئەگەر بىراۋ سىزنىڭ سىرتقى قىياپىتىڭىزغا باھا بەرگەن بولسا، بۇنىڭغىمۇ ئېرەن قىلماڭ. 

    9. مۇھەببەتتىن ئايرىلىشنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقى بار، سىز ئۇنى سۆيىسىز، ئۇ سىزنى سۆيمەيدۇ، ياكى دەل ئەكسىچە. ئۇنداقتا سىز سۆيگەن ئادەم سىزنى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالسا ياكى ئەزەلدىن سىزنى سۆيمىگەن بولسا، بۇنىڭغا قىلچىلىك ئۆكۈنمەڭ، چۈنكى سىزنىڭ يوقاتقىنىڭىز پەقەت سىزنى سۆيمەيدىغان بىرسى. ئەمما، سىز ھەرگىزمۇ سىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىيالايدىغان ئەرنى قولدىن چىقىرىپ قويماڭ، بەلكىم ئۇ سىزگە: سىزنى سۆيىمەن، دېيەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئىزچىل ھالدا يېنىڭىزدىن نېرى كەتمەي سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن. بۇنداق ئەرگە ئۇچراش ئاسان ئەمەس، ئۇچراپلا قالسىڭىز مەھكەم تۇتۇڭكى، بۇ دەل ئەقىللىق ئاياللارنىڭ تەدبىرىدۇر.

    10. ئاقكۆڭۈل ئەرلەرنى ئالدىماڭ. بۇ دۇنيادا ئاقكۆڭۈل ئەرلەر بەك ئاز قالدى، ھەممىمىز يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىممەتلىك جانلىقلارنى ئاسرىشىمىز كېرەك.

    11. پۇلنى ھەممىگە قادىر دەپ ئويلاپ قالماڭ، نېمىلا دېمىگەن بىلەن پۇلغا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللەرمۇ مەۋجۇت.

    12. چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. سىز بۇ دۇنيانىڭ بىر جىلۋىسى! باشقىلارنىڭ جىلۋىسىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

    13. ھەرقانچە ئازابلانسىڭىزمۇ، ھاياتلا بولىدىكەنسىز، ھەر بىر كۈننىڭ يېڭى مەزمۇن ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ، تاغ ئايلانمىسا، باغ ئايلىنىدۇ. پەقەت ھاياتلىقنىڭ داۋام قىلىشىلا سىزنىڭ مەڭگۈلۈك پۇرسىتىڭىز.

    14. مۇھەببەت مەڭگۈ تارازىدەك ئادىل بولمايدۇ. مۇھەببەتنىڭ پادىشاھلىقىدا بەختلىك بولماقچى بولسىڭىز، ئازابلىنىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. 

    15. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ھەقلىقتەك ئويلايدىغان بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق ۋاز كېچىڭ. ھېچكىممۇ تۇغما ھالدا ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچراشقا پۈتۈلگەن ئەمەس. ئەگەر ئۇ بۇنىمۇ بىلمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قەدىرلەشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن.

    16. يالغۇز قالدىم دەپلا ئوغۇل دوست تاپماڭ، يالغۇز ئاياللار يالغۇزلۇقتىنمۇ ھوزۇر ئېلىشنى بىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق پەيتلەر ھاياتنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز يالغۇز بولسىڭىز، يىراقتىكى كېچە ئاسمىنىنىڭ ئاستىدا يەنە بىرسى سىزگە ئوخشاشلا يالغۇزدۇر، يالغۇزلۇقنىڭ سەۋەبى ئوخشىمايدۇ، ئوخشاش بولغىنى پەقەت شۇ بىدار تۈنلەر.

    17. ھېچنېمە مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەڭگۈلۈك قانداق بولىدۇ دەپمۇ سورىماڭ. تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئەپسۇسلىنارلىقلار بولىدۇ، ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇڭ، تۇرمۇشىڭىزنى تولدۇرۇڭ. ھېچكىم ئەتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنىڭىز مۇشۇ مىنۇتنى، مۇشۇ سائەتنى ۋە مۇشۇ كۈننى قەدىرلەشتۇر.

    18. تەبىئىيلىكنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭ. ئەگەر باشقا بىر ئايال سىزگە سىزنىڭ تەبىئىي ھالىتىڭىزنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ پەقەت سىزنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىشىڭىزنى خالىمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ياساشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، كۈتۈنۈشنى بىلىڭ، ھەرگىز تۈنىمەڭ، نەپىس بىر ئايال بولۇڭ.

    19. مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئۆگىنىڭ. 26 ياشقا كىرگەن ئاياللار لايىقىنى، نىكاھنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ، لېكىن تاللاشتىن ئىلگىرى مەيلى قانداقلا تاللىماڭ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدىن كىچىك ئوغۇل دوستنى تاللىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مەڭگۈ ئۇنىڭ ئاپىسىدەك ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان بولۇشىڭىز، شۇنداقلا يەنە كەلگۈسى بىر كۈنلەردە، ئۇنىڭ سىزنى قېرى دەپ ياراتمايدىغان ۋاقتىنىڭمۇ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىدىيە جەھەتتىن تاييارلىق قىلىپ قويغان بولۇشىڭىز كېرەك.

    20. ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئوغۇل دوست تاللاڭ. بۇ دېگىنىمىز، ئۇ سىزنى پەخىرلەنگەن ھالدا ئائىلە ئەزالىرىغا ۋە دوستلىرىغا تونۇشتۇرالايدىغان بولسۇن، سىزمۇ ھەم شۇنداق.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك