• سامسۇڭ كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئاخىرى PayPal نى قوللايدىغان بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-09 12:48
  • سامسۇڭ كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئاخىرى PayPal نى قوللايدىغان بولدى


    phonearena تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ بۇلتۇر PayPal بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئامېرىكىدىكى Samsung Pay كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى ئابۇنتلىرىنى PayPal ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئەمما ئىككى شىركەت بۇ جەھەتتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.


    يىقىندا، سامسۇڭ Samsung Pay سۇپىسىغا PayPal نى قوللاش ئىقتىدارىنى قوشقان، باشقىچە ئېيتقاندا، ئابۇنتلار قولىدىكى سامسۇڭ يانفونىدا PayPal نى قوللاش ئىقتىدارىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئىگىلىنىشىچە، سامسۇڭ Galaxy Note 8 يانفونى Samsung Pay دا PayPal نى قوللايدىغان تۇنجى ئەقلىيفون بولىدىكەن، بۇ ئىقتىدار ئۇزۇنغا قالماي باشقا Galaxy يانفونلىرىغا قوشۇلىدىكەن.
    Samsung Pay سامسۇڭ شىركىتى 2015-يىلى چىقارغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 21 دۆلەتنى قاپلىدى. Samsung Pay ماگنىتلىق بىخەتەر يوللاش تېخنىكىسىنى قوللايدىغان بولۇپ، ھەر قانداق تېرمىنالدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، سودىگەرلەرنىڭ تېرمىنال دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشى ھاجەتسىز بولغاچقا، ئومۇملىشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان.
    نۆۋەتتە Samsung Pay نى سامسۇڭنىڭ Galaxy S9,S9+,Note 8,S8,S8+,S7,S7 Edge,A8,A5 2017,A5 2016 قاتارلىق ئەقلىيفونلىرى، Gear S3 ۋە Gear Sport دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى قوللايدۇ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00