• قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا بۇ ئىشلارنى قىلماڭ

  • يوللىغۇچى : ئالىيە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 01:04
  • قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا بۇ ئىشلارنى قىلماڭ

    دۇنيادىكى بارچە جانلىقلار ئىچىدە قىزلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئەڭ قالتىس، ئۇلار ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئەڭ ئۇششاق ۋە ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە كۆزىدىن قاچۇرۇپ قويماي چىڭ تۇتۇۋالالايدۇ. شۇڭلاشقا قىزلار بىلەن كۆرۈشكىلى چىققاندا، بولۇپمۇ تۇنجى قېتىم كۆرۈشكىلى چىققاندا يىگىتلەر ئۆزىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا مۇنۇ بىر قانچە ئۇششاق ھەرىكەتنى قىلىپ سالسىڭىز قىزلاردا يامان تەسىر قالدۇرۇپ قويىسىز.

    1. بېشىنى تۇتۇش، بېشىنى قاشلاش، ئۇياق بۇياققا قاراش

    بەزى يىگىتلەر قىزلارنىڭ ئالدىدا ھەر قانچە قىلىپمۇ تەبىئىي بولالمايدۇ، بىر دەم يانفون ئويناپ باقىدۇ، بىر دەم مەقسەتسىزلا ئۇياق-بۇياققا قارايدۇ. يىگىتلەر ئۈچۈن بۇ ئىشلار ناھايىتى ئەرزىمەس ئۇششاق ئىشلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇششاق ھەرىكەتلىرىڭىز قىزلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سىز بۇ ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا سەمىمىي تەسىر بېرەلمەي قالىسىز.

    2. بەدەننى بەكلا ئېگىۋېلىش، يانتۇ ئولتۇرۇش

    ئەرلەر ئۆرە تۇرغاندا تىك تۇرۇشى، ئولتۇرغاندا تۈپتۈز ئولتۇرۇشى، ھەر ۋاقىت سالاپىتىنى ساقلاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا ئەگەر سىز ئالدىڭىزغا بەك ئېگىلىۋېلىپ ئۇنىڭغا يېقىن كېلىۋالسىڭىز قىزلار بېسىم ھېس قىلىپ قالىدۇ-دە، جىددىيلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.

    3. پۇتىنى توختىماي مىدىرلىتىش

    كونىلاردا: «پۇتى ئاسان تىترەيدىغانلار قولىغا كىرگەن مال-دۇنيانىمۇ چىڭ تۇتالمايدۇ» دېگەن بىر گەپ بار، قىزلارنىڭ ئالدىدا پۇتىنى جىم تۇتماي توختىماستىن تىترىتىپ ئولتۇرىدىغان يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك «مال-دۇنيا»دىن قۇرۇق قېلىۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. سىزنىڭ پۇتلىرىڭىزنىڭ جىم تۇرالمايۋاتقانلىقىغا بەلكىم باشقىلار ھەرگىزمۇ دىققەت قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما كۆزى ئۆتكۈرلۈكتە بۈركۈتتىن قېلىشمايدىغان قىزلار سىزنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىڭىزغىچە قاچۇرۇۋەتمەي دىققەت بىلەن كۆزىتىدۇ، ئۇلارغىمۇ ئامال يوق، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتى.

    4. گەپ قىلغاندا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قارىماسلىق

    باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىماي «ناۋايغا پۇل بېرىپ قاسساپقا قارىغاندەك» باشقا تەرەپلەرگە قارىۋېلىش، ياكى يانفونغا قاراش ناھايىتى ناچار بىر ئادەت. سىز ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر سىز باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپ سىزگە قارىماي تۇرۇپ گەپ قىلسا، ياكى گەپ قىلغاچ يانفون ئوينىسا سىز قانداق ئويلايسىز؟ سىزچە قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا بۇنداق قىلسىڭىز ئۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرالامسىز؟

    5. ئاچ قالغان بۆرىدەك يەپ-ئىچىش

    بۇنى ئەسلىدە دەپ يۈرۈشنىڭمۇ ئورنى يوق. ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە تاماق يېگەندە ئالدىرىماي ئەدەپ بىلەن يېيىشكە ھەممەيلەن دېگۈدەك دىققەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار تاماقنى كۆرگەندە ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە، ھاپىلا-شاپىلا تاماققا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەلۋەتتە قىزلارنىڭ نەزىرىدە «باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان تومپاي ئادەم» دېگەن تەسىرنى بېرىدۇ. 

    سىز قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان يىگىتلەر ساقلىنىشقا تېگىشلىك يەنە قانداق ھەرىكەتلەرنى بىلىسىز؟ ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك