• يارىشىملىق كىيىنىۋالغان ئىۋانكا خۇشال كەيپىياتىنى نامايەن قىلدى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 01:02
  • يارىشىملىق كىيىنىۋالغان ئىۋانكا خۇشال كەيپىياتىنى نامايەن قىلدى

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چارشەنبە سەھەردە، «ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى قىزى» ئىۋانكا ئۇچىسىدىكى يارىشىملىق كىيىمى بىلەن مۇخىبرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كامېرا ئالدىدىكى ئىۋانكا قول پۇلاڭلىتىپ، كۈلۈمسىرىگەن بولۇپ، كۆتىرەڭگۈ روھىي ھالىتى بىلەن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان سېھىرىي كۈچىنى نامايەن قىلغانىدى.

    چارشەنبە چۈشتىن بۇرۇن، ئىۋانكا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى ئۆيىدىن چىققاندا، مۇخبىرلارنىڭ «زەمبىرەك ئوقى» ئۇنىڭغا توغرىلاندى. شۇ كۈنى ئۇ ئۇچىسىدىكى سۇس كۆك رەڭلىك كوپتا-يوپكىغا قېنىق كۆك رەڭلىك مەخمەل ئېگىز پاشىنلىق ئايىغىنى ماسلاشتۇرغانىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان تۇرقى ئىۋانكانى تېخىمۇ لاتاپەتلىك كۆرسەتكەن بولۇپ، مودېل ساھەسىدىن ئورۇن ئالغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ھەرقانداق ئۇسلۇبتىكى كىيىم-كېچەك ئۇسلۇبىنى كونترول قىلالايدىغاندەك كۆرۈنەتتى.

    ئىۋانكا تەبئىيلا گىرىم قىلىپ، ئۇزۇن چېچىنى قويىۋەتكەن بولۇپ، قۇلىقىدىكى پارقىراپ تۇرىدىغان ھالقىسىدىن باشقا، بەك كۆپ زىننەت بۇيۇمى تاقىمىغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، سول قولىغا قىزىل رەڭلىك يىپ باغلىۋالغان بولۇپ، ئوڭ قولىدا كۆزئەينىكىنى تۇتىۋالغانىدى.

    ئىۋانكا ئىشىك ئالدىدا ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان SUV ماشنىغا چىقىپ، مۇخبىرلارنىڭ كۆرۈش سىزىقىدىن ئايرىلدى.

    9-ئاپرېل سەھەردە، ئىۋانكا ئىشىكتىن چىققاندا، ئۇچىسىغا ئوچۇق قىزىل رەڭلىك كۆينەك كىيىگەن بولسىمۇ، بىراق چىرايى پەقەتلا ئېچىلالمىغانىدى.

    ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن تارماق ئىشتاتلىرىنىڭ «ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار بايرىمى» بولۇپ، كىچىك دونالد تىرامپ توردا بىر يۈرۈش كونا سۈرەتلەرنى يوللاپ، بۇ ئالاھىدە كۈننى تەبرىكلىدى. ئۇ: «تاشقى قىياپتىمىزدە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، بىراق بىرگە ئۆتكەندىكى خۇشاللىق مىنۇتلار مەڭگۈ ئوخشاش» دەپ يازدى. 

    سۈرەتتە، سولدىن ئوڭغا: ئېرىك، كىچىك دونالد تىرامپ ۋە ئىۋانكا.

    بۇ پارچە سۈرەتتە، ئىۋانكانىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى جەم بولغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر پارچە كونا سۈرەتكە سېلىشتۇرغاندا سۈرەتتە تىففانىي بىلەن كىچىك بارون كۆپەيگەنىدى.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك