• ئۈرۈمچى شەھىرىدە پار توختىدى

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 04:11
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە پار توختىدى

    «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش نىزامى» بويىچە 4-ئاينىڭ 10-كۈنى 2017~2018-يىللىق ئىسسىنىش مەزگىلى رەسمىي ئاخىرلاشتى.

    ئۈرۈمچى شەھىرى قىبلىتاغ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى يۈەنجى مۇنداق دېدى: «پار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ۋاقتىنى كەسىپ تەلىپى بويىچە بېكىتىمىز، لېكىن پار بىلەن تەمىنلەش رەسمىي توختىتىلغاندىن كېيىن دەرھاللا سۇنى قويۇۋېتىپ بېسىمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەيمىز. چۈنكى ئەتىيازدا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز، شۇڭا لازىم بولغاندا پار بىلەن تېز سۈرئەتتە تەمىنلەش ئۈچۈن تۇرۇبا تورىدا ئايلىنىدىغان سۇنى قالدۇرۇپ قويىمىز. تۇرۇبا تورىنىڭ بېسىمى 10 كۈن ئەتراپىدا ساقلاپ قېلىنىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئېگىز-پەس ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يازلىق تۇرۇبا تورى، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ.

      شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش 5-تارماق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ خۇڭخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلارنىڭ تۇرۇبا تورى، پار قازان ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئاسراشتىن باشقا، يازدا يەنە تەۋەلىك رايوندىكى كونىراپ قالغان تۇرۇبا تورلىرىنى ئۆزگەرتىمىز. ھازىر شىركىتىمىز تۆت مەھەللىنىڭ تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرىغا يوللىدى، بۇ تەستىقلانغاندىن كېيىن مەركەزلەشتۈرۈپ ئىش باشلىنىدۇ».

      ئىگىلىنىشىچە، ئادەتتە پار بىلەن تەمىنلەشنى ئۇزارتىشنىڭ ئۆلچىمى سىرتنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئۇدا بەش كۈن بەش سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇش ياكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئۇدا بەش كۈن نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇش ئىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ھاۋارايى ئەھۋالى بويىچە ۋاقتىنچە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش  ۋاقتى ئۇزارتىلمايدىكەن.

      كۆپچىلىككە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى، ئۈرۈمچىدىكى ئىسسىقلىق تەمىنلەنگەن ئابۇنىچىلار ئىسسىنىش پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى لازىم، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى باشقۇرۇش نىزامى» غا ئاساسەن، ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىسسىقلىق تەمىنلەنگەن ئابۇنىچىلار توختام بويىچە ئىسسىنىش پۇلىنى تاپشۇرمىغان بولسا، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ توختام بويىچە جەرىمانە ئالىدۇ ھەمدە توختامغا خىلاپلىق قىلغانلىق جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك