• ئۈستىگە كىيىم سىزىپ يوگا مەشىق قىلغان قىزنى ھېچكىم بايقىيالمىدى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • ئۈستىگە كىيىم سىزىپ يوگا مەشىق قىلغان قىزنى ھېچكىم بايقىيالمىدى

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا رەسسام جېن سېيدىل بىر سىناق ئىشلەپ، قىزى بىلەن بىرلىشىپ، بىر مودېلغا كىيىم سىزىپ، قارشى تەرەپنى جامائەت سورۇنىدا يوگا مەشىق قىلدۇرغان ھەمدە يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ قانداق ئىنكاستا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان.

    دەسلەپتە ئايال مودېل ئالى ئۇچىسىغا تېرە رەڭگىدىكى ئىچ كىيىمنى كىيىگەندىن كېيىن، جېن ئۇنىڭغا كىيىم سىزغان. ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مودېل خۇددى پادىچىلار ئىشتىنى ۋە تەنھەرىكەت كىيىمىنى كىيىۋالغاندەكلا كۆرۈنگەن.

    كىيىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئالى يوگا سېلىنچىسىنى كۆتۈرۈپ، مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بالىتمور مەيدانىغا كېلىپ، ئاممىۋى سورۇندا يوگا مەشىق قىلغان. بۇ چاغدا يولۇچىلار توختىماستىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتكەن. ناھايىتى تېزلا ئالى بىر يۈرۈش يوگا ھەرىكىتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپىنچە كىشىلەر بەكرەك ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، قانداق كىيىم كىيىگىنىگە دىققەت قىلمىغان.

    ناھايىتى تېزلا فوتوگراف يولدىن ئۆتكەن كىشىلەردىن ئالىنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىرەر تەرىپىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغان. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئالى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان يوگا ھەرىكىتىنى تاماملىغان بولۇپ، باشقا ئالاھىدە تەرىپىمۇ يوق ئىكەن.

    ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەر ئىنچىكلىك بىلەن كۆزەتكەندىن كېيىن، ئاندىن: «ھە... ئۇنىڭ كىيىمىنى سىزىپتۇ» دېگەندە، كۆپچىلىك ئاندىن بۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلگەن. بىر ئەر: «مەن تېخى ئۇنى كىيىم كىيىۋالدى دەپتىمەن»، دېگەن. كۆپچىلىك كۆز ئالدىدىكى بۇ قىزنىڭ ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما كىيىمىنى «كىيىۋالغان»لىقنى بايقىغاندىن كېيىن، كۈلۈشۈپ كەتكەن. بىر ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر پۇرسەت بولسا، ئۇنىڭمۇ كىيىم كىيىمەي يوگا مەشىق قىلىپ باققۇسى بار ئىكەن،

    بۇ جېننىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قىلىشى ئەمەس. بۇ يىل فېۋرالدا، ئۇ بىر ئايالنىڭ بەدىنىگە كىيىم سىزىپ، ئۇچرىششقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئايال قاراشتىنلا پادىچىلار ئىشىتنى بىلەن ئادەتتىكى مايكا كىيىۋالغاندەكلا كۆرۈنەتتى. بىراق بۇ ۋاقىتتا يامغۇر يېغىپ كەتكەندە، ئۇچرىشىش ئوبيېكتى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدى.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00