• شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 04:42
  • شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

        دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانسارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.
                                                                                                                           
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن بوئاۋ، 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانسارىيىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 1997 – يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ماسلاشتى. مۇنبەر قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى ئاسىياغا قارىتىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئاسىيا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىلقى مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنى ‹‹ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا›› ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر ئىزدەندى، كۆپچىلىك دۇنيا يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋەزىيەتتە، تارىخ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىدى؛ كۆپچىلىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق، سودا قورۇقچىلىقى خىرىسى ئالدىدا، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ؛