• «تەبىئەت» ئىلمىي ژۇرنىلى: ئىسپىرت يەتتە خىل راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-12 08:43
  • «تەبىئەت» ئىلمىي ژۇرنىلى: ئىسپىرت يەتتە خىل راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

    جۇڭگو ھاراق مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن شېئىر نەزمىلەردىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھاراق ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ روھنى ئۇرغىتىدۇ، لېكىن كۆپ ئىچىۋالسا بەدەنگە زىيانلىق. يېقىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي ژۇرنال «Nature» دا ئېلان قىلىنغان ھاراق ئىچىش توغرىسىدىكى بىر پارچە ماقالە كەڭ تۈردە دىققەتنى قوزغىدى. ماقالىنى ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كېتان پاتېل پروفېسسورلار ئۆمىكى يازغان، ئۇلار ھايۋانات مودېلى ئارقىلىق ھاراق ئىچىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى مېخانىزىمنى ئېچىپ بەرگەن: ئىسپىرتنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتى ئېتىل ئالدېگىد كىچىك چاشقاننىڭ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە DNA قوش زەنجىرنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گەرچە قىسمەن DNA ئۈزۈلگەندىن كېيىن دەرھال ئەسلىگە كەلسىمۇ، لېكىن قالدۇق زىيانلىرىنىڭ تەسىرى يەنىلا كەڭ بولىدۇ، جۈملىدىن مەلۇم رايون ئۆچۈرۈلىۋېتىش، خروموسوم قايتا تىزىلىش قاتارلىقلار، بۇ ئېرسىي ئۆزگىرىشلەرنى كېيىن سانسىزلىغان مۇشۇ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد قان ھۈجەيرىلىرىگە تارقىلىدۇ.

    ماقالىدا ئىسپىرت كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان، يۇقىرىدىكى رەسىمدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئايرىم ھالدا ئېغىز-يۇتقۇنچاق راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكى، جىگەر راكى، تۈگۈن تۈز ئۈچەي راكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەمبىرىكى قانچە چوڭ بولسا خەتىرى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا بىر مەسىلە بار، بۇ ماقالىنىڭ يەكۈنى ئىشەنچىلىكما؟ ھاراقنى يەنە ئىچىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ؟

     ماقالىنىڭ يەكۈنى ھايۋانات مودېلىنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان، ماقالىدىكى تەجرىبىگە ئىشلىتىلگەن كىچىك چاشقان بىلەن ئىنسانلارنىڭ بەزى ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى بار بولسىمۇ لېكىن جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئويلاشقاندا، پەقەت ھايۋانات تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپلا بىۋاستە ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى بېكىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

     

    ماقالىنىڭ لوگىكىلىقىدا مەسىلە يوق، لېكىن يەكۈنىنى زىيادە چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. ئىسپىرتنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئاساسلىقى ماددا ئالمىشىش ئۆتكۈنچى ھاسىلاتى ئېتىل ئالدېگىد، ئېتىل ئالدېگىد DNA زەخمىلەندۈرۈپ، قان توسالغۇسى پەيدا قىلىپ، ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرە ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، شۇ ئارقىلىق ھەرخىل راك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. لېكىن ئېتىل ئالدېگىد ئاتسېتىك ئېتىل ئالدېگىد دېگىدروگېنازانىڭ تەسىرىدە ئەڭ ئاخىرىدا ئاتسېتىك كىسلاتاسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئاساسەن زىيىنى يوق. پەقەت ئېتىل ئالدېگىدنىڭ ماددا ئالمىشىش ھاسىلاتى ئاتسېتىك كىسلاتاغا ئايلىنالمىغاندىلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    تەتقىقاتتا كىچىك چاشقاننىڭ ALDH2 گېنى چىقىرىپ تاشلاندى، ئاسىيادا تەخمىنەن 540 مىليون ئادەمنىڭ مۇشۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بار، بۇ بەدەندە ئېتىل ئالدېگىد دېگىدروگېنازانىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېتىل ئالدېگىدنى ئوڭۇشلۇق تازىلاپ چىقىرالماي، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىۋېتىپ، ھاراق ئىچكەندە يۈز قىزىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمىي تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئېتىل ئالدېگىد مېتابولىزىم ئىقتىدارى بىرقەدەر ناچار كىشىلەرنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە بويۇن ئومۇرتقا راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزىرىدىغان دوستلار ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

    ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىز ھاراق ئىچكەندە يۈزىگە چىقمايدىغان كىشىلەر ئىسپىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئادەم تېنىنىڭ ئىسپىرىتنى تازىلاش ۋە DNA نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، بۇ خىل مۇداپىيە سىستېمىسى مۇكەممەل كىشىلەردىمۇ، ئىسپىرت يەنىلا كۆپ خىل ئۇسۇلدا راكنى پەيدا قىلالايدۇ، خەلقئارا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورگىنى ئىسپىرىت ۋە ئۇنىڭ مېتابولىزىم ھاسىلاتى ئېتىل ئالدېگىدنى 1-تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئەسكەرتىش: 1-تۈردىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولسا ئىنسانلار راك پەيدا قىلغۇچى دەپ بېكىتكەن ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە تونۇش بولغان ئافلاتوكسىن، تاشپاختا، ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى (HPV)، فورمالدېگىد قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    راك كېسىلىدىن سىرت، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىمۇ ھاراق ئىچىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى دەلىللەنگەن مەسىلەن: ئىسپىرت خاراكتېرلىك روھىي كېسەللىك، ھاراققا خۇمار بولۇش يىغىندى ئالامىتى، ئىسپىرتتىن بولغان يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، ئىسپىرت مەنبەلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەرنى ماي قاپلاش، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ۋە مېتانول ، ئېتىل ئالكوھولدىن زەھەرلىنىش ق

    مەنبەسى :تېڭشۈن


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك