• دوستلار چەمبىرىكىدىكى ماشىنىغا ئائىت بۇ سەپسەتىلەرگە ئەمدى ئىشەنمەڭ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 12:57
  • دوستلار چەمبىرىكىدىكى ماشىنىغا ئائىت بۇ سەپسەتىلەرگە ئەمدى ئىشەنمەڭ

    سەپسەتە 1: ماشىنا ئەينىكىڭىز تۇخۇم ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ھەرگىز سۇ چېچىپ تازىلىماڭ. چۈنكى تۇخۇم سۇغا يولۇققاندىن كېيىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىۋالىدۇ-دە، ئەينەكنى بىراقلا توسۇۋالىدۇ.

    رەددىيە:

    ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىنىقى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۇخۇم ماشىنا ئەينىكىگە تېگىشى بىلەن دەرھال يامغۇر سۈيىنى سۈرتۈش ئۈسكۈنىسىنى ئېچىپ، كەينىدىن ئەينەك يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى چېچىش كېرەك، شۇندىلا تۇخۇمنىڭ شالتىقىنى تېز سۈرئەتتە تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ توغرا ئۇسۇل، ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، دەرھال يامغۇر سۈيىنى سۈرتۈش ئۈسكۈنىسىنى قوزغىتىپ، ئەينەك يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى چېچىپ تۇرۇپ ماشىنا ئەينىكىنى تازىلاش كېرەك.

    سەپسەتە 2: ئىچىپ بولالمىغان مېنىرال سۇنى ماشىنا ئىچىگە قويۇپ قويماڭ! چۈنكى بوتۇلكا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا زىيانلىق ماددا ئاجرىتىپ چىقىدۇ، بۇ زىيانلىق ماددىلار بوتۇلكا ئىچىدىكى سۇغا سىڭىپ كىرىپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

    رەددىيە: ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، تېمپېراتۇرا 100 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندا، مېنىرال سۇ بوتۇلكىسى ئاندىن زىيانلىق ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ئەمما ماشىنا ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 100 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ بازاردا سېتىلىۋاتقان نوپۇزلۇق مېنىرال سۇلارنىڭ بوتۇلكىسى سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاستىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرغاندىمۇ، زىيانلىق مىكروب ۋە ۋىرۇسلار شەكىللەنمەيدۇ.

    سەپسەتە 3: دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر بۆلەك سىن تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. تەرەت تۇڭىنىڭ سۈمۈرگۈچىسى بىلەن ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ. بىر يىگىت تەرەت تۇڭىنىڭ سۈمۈرگۈچىسىنى ماشىنىنىڭ قۇلۇپى بار ئورۇنغا سۈمۈرتۈپ، كۈچەپ نەچچىنى تارتىپلا ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىۋىتىدۇ.

    رەددىيە: ئەمەلىيەتتە تەرەت تۇڭى سۈمۈرگۈچىسىنىڭ ماشىنا ئىشىكىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى تارتىش كۈچى، مەيلى ماشىنا ئىشىكىنىڭ تۆمۈر قانچە نېپىز، ئادەمنىڭ تارتىش كۈچى قانچىلىق كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ماشىنا ئىشىكى قۇلۇپىنىڭ ئىچىدىكى مېخانىكىلىق قۇرۇلمىلارغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

    سەپسەتە 4: ئېيتىلىشلارچە، ماشىنا نومۇر تاختىدىسىكى بىرىنچى ھەرپنىڭ كەينىدىكى چېكىتنى ئۆچۈرۋەتسە، ئېلېكترونلۇق كۆز نومۇرىڭىزنى پەرق قىلالمايدۇ-دە، نومۇرىڭىزنى ئېنىق سۈرەتكە تارتالمايدۇ!

    رەددىيە: ئەمەلىيەتتە ئېلېكترونلۇق كۆز بىلەن ئاپپاراتنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بىر چېكىتنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ئۇنىڭ سۈرەتكە تارتىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    سەپسەتە 5: ماشىنا توختاتقاندا، P خوتتا توختىتىشقا بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا، تېزلىك كوروپكىسى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.

    رەددىيە: ئەمەلىيەتتە ماشىنا ئاچقۇچى بىلەن ئاپتوماتىك ھالدا ماشىنا ئىشىكىنى ئاچقاندا، ماشىنىنىڭ «مېڭىش ئۈسكۈنىسى» قوزغىتىلىدۇ. شۇڭا سىز پەقەت ماشىنىنى ئوت ئالدۇرسىڭىزلا كۇپايە، ئارىلىقتىكى جەريانلارنى نەچچە قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭ ماشىنىغا ھېچقانداق ئەكىس تەسىر بولمايدۇ.

    سەپسەتە 6: ئىت سۈيدۈكىنىڭ بالونغا نىسبەتەن كۈچلۈك چىرىتىش رولى بولىدۇ.

    رەددىيە: ئەمەلىيەتتە ئىت سۈيدۈكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ بولۇپ، كىسلاتالىق تەركىب ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ بالونغا نىسبەتەن چىرىتىش رولى بولمايدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00