• تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنىڭ قانداقلىقى بەدەن شەكلىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : akida
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 12:29
  • تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنىڭ قانداقلىقى بەدەن شەكلىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ

    بەزىلەر تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە باھا بېرىشتە، ئادەمنىڭ ئايىغىغا قاراش كېرەك دېسە، بەزىلەر ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىغا قاراش كېرەك دەيدۇ. ئەمما ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ بەدەن شەكلى تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ. بۇ بىر يېڭى تېما ئەمەس، بىز تۇرمۇشىمىزدا بىر ئادەمنىڭ بەدەن شەكلىدىكى نۇرغۇن ئىنىچكە ھالقىلار ئارقىلىق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

    بەدەن شەكلىمىز بىزنىڭ تۇرمۇش شەكلىمىز ۋە ئادەتلىرىمىزنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇنى تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى ئۆلچەشتىكى بىر ئۆلچەم قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

    كىچىكىمىزدىن ئاتا-ئانىمىز بىزنى قەددىمىزنى رۇسلاپ تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كىتاب كۆرگەن، ماڭغان، تېلېۋىزور كۆرگەن ھەتتاكى تاماق يېگەندىمۇ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ تۇرسىمۇ، غەلىتە يېرى چوڭ بولغانسېرى بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ كەتتۇق. شۇندىلا جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ بەدەن شەكلىمىز سەتلىشىپ كەتتى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا، كومپىيوتېر ئالدىدا، ئېكراندىكى نەرسىلەرنى ئېنىقراق كۆرۈۋىلىش ئۈچۈن، ئالدىمىزغا تېخىمۇ مۈكچىيىۋالدىغان بولدۇقتە، بوينىمىزنى ئېگىلىپ قېلىشىغا، مۈرىمىزنىڭ دۈگىلەك بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى، بۇنداق بولغاندا تولىمۇ روھسىز، جانسىز كۆرۈنەتتى.

    تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت يانفونغا قاراپ ئولتۇرغاندا بەدەن قۇرۇلۇشىمىز ئۆزگىرىپلا كەتمەستىن، ھەتتا بىر قىسىم نەپەس ئېلىش ئىقتىدارىمىز، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەننىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    گەرچە بەدەن شەكلى نورمال بولمىغاندا زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەيدىغانغا يېتەرلىك ئاساس بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ تۇرمۇشىمىزغا ھەقىقەتەنمۇ ئاز بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇنلىغان بەدەن ئاغرىقىنىڭ كەينىدە مۇرەككەپ بىر سەۋەب بار، بۇ ئاغرىقلار بەلكىم بىر تۇتاش ئىشلار سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا مۇقىم بولغان بىر سەۋەبنى تېپىپ چىقىش بەكلا تەس.

    بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق كىشىلەر بوينىغا ئالدىغا ئىگىۋالغاندا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايدۇ. كىشىلەر ئادەتتە ئولتۇرۇش، ئۆرە تۇرۇش قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىل ئاغرىقنى پەسەيتىكىلى بولىدۇ ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

    يەنە بىر سىتۇدېنتلارنىڭ بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئائىت تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مۈرە ۋە دۈمبە ئاغرىقىنى پەسەيتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

    ناتوغرا قىياپەتنى ئۆزگەرتكەندە، ئادەمنىڭ قەددى رۇسلىنىپ، روھلۇق كۆرۈنىدۇ، قانداقلا كىيىم كىيسە يارىشىدۇ. ھالبۇكى ناتوغرا بولغان بەدەن قىياپىتى (يات جىنسلىقلارغا قوپالدەك تەسىر بېرىپ قويىشىمۇ مۇمكىن) بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئىشچان، قانچىلىك ئىنچىكە ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇنداق قىلمىش نۇرغۇنلىغان تۇرمۇشقا ئانچە ئاكتىپ بولمىغان كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ.

    ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ناتوغرا بولغان بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سېستىمىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم، بۇ بىر ئۆمۈرلۈك دەرس بولۇپ، سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ. 

    مەنبەسى :qq.com


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00