• نېمە ئۈچۈن سەھەر تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى بىلەمسىز

  • يوللىغۇچى : ئادىلجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 12:06
  • نېمە ئۈچۈن سەھەر تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى بىلەمسىز

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەممىلا ئادەمنىڭ سەھەر تۇرۇشنى ياقتۇرۇپ كېتىشى ناتايىن ئىكەن، ئەمما ئامېرىكا غەرب تېبابىتى ۋە ئەنگلىيە سۇررىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سەھەر تۇرۇش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تەتقىقاتتا 500 مىڭ پىدائىي ئالتە يېرىم يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەكشۈرۈش باسقۇچىدا كېچىسى بالدۇر ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى سەھەر تۇرىدىغانلاردىن %10 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن. 

    بۇ بىر روشەن پەرق بولۇپ، بۇ خىل كېچىسى بالدۇر ئۇخلىمايدىغان تۇرمۇش شەكلى كىشىلەرنىڭ قىممەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى تارتىۋالىدىكەن. 

    تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كېچىسى بالدۇر ئۇخلىمايدىغانلار خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبلىك ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا بالدۇر ئويغىنىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەر ھەتتا خوجايىنىدىن زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا ياتاق بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. 

    سۇررىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مالكولم شانتز (Malcolm von Schantz)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر ئاممىۋى ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمدى سەل قاراشقا بولمايدىكەن، «بىز كېچىسى بالدۇر ئۇخلىمايدىغانلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ قۇياش بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.»

    كېچىسى بالدۇر ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ سەۋەبىگە بىر نېمە دېمەك تەس. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېسىم، چېنىقىش كەمچىل بولۇش، يېمەكلىك قاتارلىقلار كەچ ئۇخلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كېچىسى بالدۇر ئۇخلىمايدىغانلار بالدۇر ئۇخلىيالىسا ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك