• ئورگان تورى: نىكو كوۋاچ كېلەر پەسىلدە بايرېن مىيۇنخېننىڭ مەشقاۋۇلى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:40
  • ئورگان تورى: نىكو كوۋاچ كېلەر پەسىلدە بايرېن مىيۇنخېننىڭ مەشقاۋۇلى بولىدۇ

    ئورگان تورى خەۋىرى: 46 ياشلىق نىكو كوۋاچ بۇ يىل يازدا فىرانكفورتتىن ئايرىلىپ پېنسىيەگە چىقماقچى بولغان ھېيىنكېسنىڭ ئورنىغا بايرېن مىيۇنخېننىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

    كىرودىيەلىك بۇ ياش ترېنېر گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا تۇغۇلغان، توپچىلىق كەسپىي ھاياتى گېرمانىيەدە ئۆتكەن، بېرلىن ھېرتا، لېۋېركۇسىن، ھامبۇرگ قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن، 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بايرېن مىيۇنخېندا توپ تەپكەن، «بايرېن گېنى» بار، 2009-يىلى سالزبۇرگ قىزىل كالا كوماندىسىدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

    2009-يىلى 6-ئايدا سالزبۇرگ قىزىل كالا ياشلار بازىسىنىڭ ترېنېرى بولغان، كەينىدىن بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، يەنە كىرودىيە 21 ياشلىقلار كوماندىسى، كىرودىيە كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بولغان، 2016-يىلى 3-ئايدا فىرانكفورت كوماندىسىنىڭ ترېنېرى بولغان.

    ئىككى ياش كىچىك روبېرتو كوۋاچ ئاكىسى بىلەن بىللە بايرېن مىيۇنخېن ترېنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولىدۇ، توپچى ۋاقتىدا روبېرتو كوۋاچ بايرېن مىيۇنخېندا توپ تەپكەن، كىرودىيە 21 ياشلىقلار كوماندىسى ۋە كىرودىيە كوماندىسىدا ئاكىسىغا ياردەمچى بولغان، ھازىر ئاكىسىنىڭ فىرانكفورت كوماندىسىدىكى ياردەمچى ترېنېرى.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00