• رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى ئېنىق بولدى

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:31
  • رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى ئېنىق بولدى

     2007-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان لۇجنىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

        شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ 11 شەھىرىدىكى 12 مەيداندا ئۆتكۈزىلىدۇ.

        لۇجنىك تەنتەربىيە مەيدانى رۇسىيە پايتەختى موسكىۋانىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، 1956-يىلى قۇرۇلغان، 1980-يىلى موسكىۋا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي تەنتەربىيە مەيدانى بولغان ۋە  ئۇنىڭدا يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلگەن. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇ مەيداننى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق رېمونتلاش خىزمىتى ئاخىرلىشپ، مەيدان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، 80 مىڭ كۆرۈرمەن سىغىدۇ. رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە لۇجنىك تەنتەربىيە مەيدانىدا تۆت مەيدان گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسى، بىر مەيدان يېرىم چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ.


    2007-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان لۇجنىك تەنتەربىيە مەيدانى.

          سىپارتاك تەنتەربىيە مەيدانى موسكىۋانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، 2014-يىلى تۇنجى قېتىم سىرىتقا ئېچىۋېتىلگەن، بۇ مەيدانغا 45 مىڭ كۆرۈرمەن سىغىدۇ. رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بۇ مەيداندا تۆت مەيدان گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسى ۋە بىر مەيدان يېرىم چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

     2018-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان سىپارتاك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.


    2017-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان سىپارتاك تەنتەربىيە مەيدانى.


         ساينت پېتېربۇرگ تەنتەربىيە مەيدانى رۇسىيە ساينت پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، 2017-يىلى تۇنجى قېتىم سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، مەيدانغا 67 مىڭ كۆرۈرمەن سىغىدۇ. رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بۇ مەيداندا تۆت مەيدان گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسى، بىر مەيدان يېرىم چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە ئۈچىنچى، تۆتىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    2017-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ساينت پېتېربۇرگ تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

     2017-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ساينت پېتېربۇرگ تەنتەربىيە مەيدانى.


         قازان تەنتەربىيە مەيدانى رۇسىيە قازان شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، 2013-يىلى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن، بۇ مەيداندا 2013-يىللىق قازان تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، 2015-يىللىق سۇ ئۈزۈش لەھۋە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 2017-يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، مەيدانغا 45 مىڭ كۆرۈرمەن سىغىدۇ.  رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە  بۇ مەيداندا تۆت مەيدان گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسى، بىر مەيدان يېرىم چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

     2015-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قازان تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

     2017-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قازان تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.


         فىشت تەنتەربىيە مەيدانى رۇسىيە سوچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى فىشت ئولىمپىك باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەيداندا 2014-يىللىق سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسمەن تۈرلىرى ۋە 2017-يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قىسمەن مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، مەيدانغا 48 مىڭ كۆرۈرمەن سىغىدۇ. رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بۇ مەيداندا تۆت مەيدان گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسى، بىر مەيدان يېرىم چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    2017-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان فىشت تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

     2017-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان فىشت تەنتەربىيە مەيدانى.


        كارفېرلوفېك تەنتەربىيە مەيدانى رۇسىيە كارفېرلوفېك شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، مەيدان قۇرۇلۇشى 1957-يىلى باشلىنىپ، 2017-يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۆزگەرتىش تاماملانغان. بۇ مەيداندا ئىلگىرى 1959-يىللىق دۇنيا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش ئومۇمىي ماھارەت چېمپىيونلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بۇ مەيداندا تۆت مەيدان گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

     2017-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كارفېرلوفېك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

    2017-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كارفېرلوفېك تەنتەربىيە مەيدانى.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك