• بۆرەك قورقىدىغان بەش قىلمىش: ئەڭ ياخشىسى ھەممىسىنى قىلماسلىق كېرەك

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:11
  • بۆرەك قورقىدىغان بەش قىلمىش: ئەڭ ياخشىسى ھەممىسىنى قىلماسلىق كېرەك

    بۆرەكنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزنىڭ ئادەتتە قىلىپ سالىدىغان تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلىرىمىز بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ:

    1. سۇ ئىچىشنىڭ زىيادە كەملىكى.

    ئەگەر سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولۇشى، ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، سۇ ۋە تۇز تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپلا پەيدا بولىدىغىنى سۈيدۈكنىڭ كېمىيىپ كېتىشى بولۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن زور مىقداردا كېرەكسىز ماددا ۋە توكسىن ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قېلىپ، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ.

    2. زىيادە كۆپ ئىچىملىك ئىچىش.

    ئىچىملىكلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇرۇچلار قوشۇلغان بولىدۇ، بۇ خۇرۇچلارنىڭ تەركىبى ئادەم بەدىنىدە مېتابولىزىم بولۇشى ئۈچۈن مول مىقداردىكى سۇنى كېرەك قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، كولادىكى كوففېئىن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، زور مىقداردىكى سۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ، شۇڭا كاربوناتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەنسېرى ئۇسسۇزلۇق قانمايدۇ، بۇنداق بولۇشى بۆرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    3. ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچىش.

    نۇرغۇن كىشىلەر ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچكەندە مەستلىكنى يېشىشكە ياردىمى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ئۈنۈمى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە بۆرەكنى زەخملەندۈرىدۇ. چۈنكى چايدا مول مىقداردا تېئوفىللىن بولۇپ، بۆرەكتىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلاش بىرگە يەنە زور مىقداردىكى سۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ، سۇسىزلىنىش ئېنىقلا مەستلىكنى يېشىشتە ئەكس ئۈنۈم بېرىپ قويىدۇ.

    4. قالايمىقان دورا ئىشلىتىش.

    نۇرغۇن كىشىلەر كېسەلنى ساقايتىش ئۈچۈن غىدىقلىغۇچى تەركىبلىرى بولغان غەربچە دورىلارنى ئىشلىتىدۇ، بۇلار يەنە بۆرەكنى غىدىقلاپ، بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بەزى توكسىنلىق دورىلار يەنە بۆرەك كىچىك نەيچە ئارىلىق ماددىلىرىنى زەخملەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنىدىكى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ قايتا سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    بۇ تۈردىكى غىدىقلىغۇچى دورىلار ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن شەرقىي شىمال زىراۋەندىسى، قۇستە، ئانتىبىئوتىك قاتارلىقلار ناھايىتى ئاسانلا بۆرەكنى زەخملەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىنى ئالاھىدە كونترول قىلىش كېرەك.

    5. تويماسلىق، يەنى زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش.

    كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئوزۇقلۇق بارغانسېرى خىللىشىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە يېمەك-ئىچمەككە بولغان تويماسلىق، زور مىقداردىكى يېمەكلىكنى ئاشقازاندا توختىتىپ قويۇپ، ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ يەنە بۆرەككە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەگەر دائىم زور مىقداردا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا، كۆپ مىقداردا ئۇرىك كىسلاتا ۋە ئۇرېيە ئازوتىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۆرەكنىڭ ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

    شۇڭا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە قوبۇل قىلىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، تاماق تاللىماسلىق، زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

    بۇلارنىڭ ھەممىسى بۆرەككە پايدىسىز بولغان قىلمىشلار بولۇپ، كۆپچىلىككە پايدىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00