• خانلىق مادرىد بېنزېمانى 60 مىليون ياۋروغا سېتىۋەتمەكچى

  • يوللىغۇچى : ئالىيە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-13 08:47
  • خانلىق مادرىد بېنزېمانى 60 مىليون ياۋروغا سېتىۋەتمەكچى

    ئىسپانىيە تاراتقۇسى «پۇتبول ئەپەندىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق كوماندا ئارسېنال خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزېمانى قوشۇۋالماقچى بولۇپ، لېكىن ئۇلارنىڭ قويغان باھاسى پەقەتلا 40 مىليون ياۋرو ئىكەن. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، دورتموندنىڭ قويغان باھاسى 60 مىليونغا يەتكەن، بۇ ئەھۋال فىلورىنتىنونى دورتموند بىلەن سودا قىلىشقا ئۈندىگەن.

    بېنزېمانىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇ ھازىرغىچە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 25 قېتىم مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، پەقەتلا بەش توپ كىرگۈزگەن، تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى مەيدانغا چىققان سانى 39غا يەتكەن، لېكىن پەقەتلا توققۇز توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ ناچار ئىپادىسى خانلىق مادرىد رەئىسىنى ئۇنى تازىلاش ئويىغا ئەكەلگەن بولۇپ، لېكىن زىدانىنىڭ بېنزېماغا ئىشىنىشى كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۇنى تازىلاشتىكى توسقۇنچىلىقىغا ئايلانغان. زىدانىدىن باشقا، كىرىستىيانو رونالدومۇ بۇ ھەمراھىنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغان بولۇپ، خانلىق مادرىدتىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى كىشى بېنزېمانىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلىشىنى خالىمىغان.

    لېكىن، خانلىق مادرىد ئارسېنال ۋە دورتموندنىڭ بېنزېماغا قويغان باھاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئارسېنال 40 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن بېنزېمانى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە ئېلىپ بارماقچى بولغان، گەرچە ۋېنگېر ئىلگىرى كۆپ قېتىم بېنزېمانى قوشۇۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ئەمەلگە ئاشمىغان. ھازىر ئارسېنالدا ئاۋبامېياڭ ۋە لاكازېتتى، ۋېلبېك قاتارلىق ھۇجۇمچىلار بار، ئەگەر بېنزېمامۇ بارسا ئارسېنالنىڭ ھۇجۇم كۈچى زور دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ.

    ئارسېنالنىڭ قويغان باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، دورتموندنىڭ قويغان باھاسى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار فرانسىيەلىك بۇ ھۇجۇمچىغا 60 مىليون ياۋرو باھا قويغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ باھاسى خانلىق مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنونىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۇ دورتموند بىلەن سودا قىلىشقا تەييارلانغان بولۇپ، گەرچە زىدانى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو بېنزېمانىڭ كېتىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن رەئىس يەنىلا ئىپادىسى ياخشى بولمىغان بېنزېمانى تازىلاشنى قارار قىلغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا، خانلىق مادرىد يۆتكىلىش كۆزنىكىدە كۆپلىگەن ھۇجۇمچىلارنى نىشانلىغان بولۇپ، خاررى كېن، ئىكاردى، دىبالا، لېۋاندوۋىسكى قاتارلىق توپچىلار خانلىق مادرىدنىڭ نىشانىغا ئايلانغان، ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى بېنزېمادىن كۆپ ياخشى.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك