• كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مودرىچ بۇ ئايلانمىدا ئارام ئېلىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-14 05:19
  • كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مودرىچ بۇ ئايلانمىدا ئارام ئېلىشى مۇمكىن

    بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە مالاگا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىدنى كۈتىۋالىدۇ. «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مودرىچ بىلەن كىرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارام ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

    مودرىچ تۈنۈگۈن كوماندىنىڭ مەشىقىگە قاتناشمىغان بولۇپ، ئۇ ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇسقا ئۇتتۇرغان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا يارىلانغاندىن كېيىن، كېيىنكى يېرىم مەيداندا كوۋاچىچ تەرىپىدىن مەيداندىن چۈشۈرۈۋېلىنغان. گەرچە يارىسى ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن زىدانى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ئارام ئالغۇزۇشنى قارار قىلغان، بۇنداق بولغاندا ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بايرېن مىيۇنخېننى كۈتىۋالالايدۇ.

    بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن مودرىچ زىدانىنىڭ قولىدا يەنىلا بىر مۇھىم توپچى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، شۇڭا زىدانى ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتىنى ياخشى تەقسىم قىلىپ، ئۇنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. زىدانى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى پادىشاھ لوڭقىسىنىڭ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسىدە شۇنداقلا بىرلەشمىدىكى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە مودرىچنى ئارام ئالدۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كرودىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىدە سالامەتلىكى %100 ياخشى مودرىچقا مۇھتاج.

    ئۇنىڭدىن باشقا، كىرىستىيانو رونالدومۇ مالاگا بىلەن ئوينىلىدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارام ئېلىشى مۇمكىن بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىر پۈتۈن زېھنىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاراتقان.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • بىر پارچە لاتارىيە بېلتى ئېلىپ كەلگەن تەلەي

    1970-01-01 08:00

  • ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن- لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشكە يەنە

    1970-01-01 08:00

  • تور كۈچلۈك دۆلىتى ــــ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى

    1970-01-01 08:00

  • بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى سالاھنىڭ زادى قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    1970-01-01 08:00

  • رۇمىنىگ: ھازىر پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلالايدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى: VAR تېخنىكىسىمۇ خانلىق مادرىدنىڭ نۇقتا توپىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • سالاھ: توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇشنى ئۈمىد قىلىمەن

    1970-01-01 08:00

  • بۇ توققۇز خىل قىلىمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل چەكلىنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    1970-01-01 08:00