• «سويمىلار» زامانىدا قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا بولغان گۈزەللىك ئۆلچىمى ئۆزگىرەۋاتامدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلشات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:33
  • «سويمىلار» زامانىدا قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا بولغان گۈزەللىك ئۆلچىمى ئۆزگىرەۋاتامدۇ؟

    قىزلار قايسى تىپتىكى يىگىتلەرنى ياقتۇرىدۇ؟ ساقال-بۇرۇتى ئېلىنمىغان، ئوچۇق-يورۇق يىگىتنى؟ ياكى ئوتتۇرھال تىپتىكى چىرايلىق ئۆسمۈرنى؟ ئەگەر يېقىندا قويۇلغان ئەڭ ئالقىشلىق ھەقىقىي ئادەم پىروگىراممىسىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆلچەم قىلىدىغان بولساق، كۆپىنچە قىزچاقلار بەكرەك كىيىنكىسىنى ياقتۇرىدىغان ئوخشايدۇ. (قارىغاندا، مەن بۇ قاتاردىكىلەردىن ئەمەس ئوخشايمەن).

    ھازىر تېلېۋىزىيەدە قىزغىن قويۇلغان «پىراكتىكانت چولپان» (偶像练习生) ناملىق ھەقىقىي ئادەم پىروگىراممىسى 6-ئاپرېل ئاياغلىشىپ، توققۇز ئەزادىن تاللاپ چىقىلغان يېپيېڭى ئەرلەر گۇرۇپپىسى مەيدانغا كەلدى.

    19-يانۋار «ئەيچىيى»دا تۇنجى قويۇلغاندىن كېيىن، «پىراكتىكانت چولپان» ناملىق پىروگىرامما ناھايىتى تېزلىكتە جامائەت پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ، نەچچە ئونمىڭلىغان مەستانىلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان چولپان ئۈچۈن تەلۋىلەرچە بېلەت تاشلاشقا باشلىدى. گەرچە بۇ پىروگىرامما كورېيە تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسى «Produce 101»نىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان قىزغىنلىقىغا پەقەتلا تەسىر كۆرسىتەلمىگەندەك قىلاتتى.

    تۆۋەندە، بىز بىرلىكتە «پىراكتىكانت چولپان»دىكى ئالدىنقى توققۇزنىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرلارنى كۆرۈپ باقايلى، بىلمىدىم، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياپياش، خۇددى سۈتتەك تېرىگە ئىگە، يەنە تېخى پارقىراپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزى، نەپس گىرىمى ئۇلارنىڭ بۇ قونچاق چىرايىنى تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۋەتكەن.

    بىراق بۇ بىر توپ يىگىتلەر يالغۇز تاشقى قىياپىتىگە تايىنىپلا مەستانىلەرنىڭ يۈرىكىنى تارتىۋالغان ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مىجەز-خاراكتېرى بار.

    «پىراكتىكانت چولپان»دىكى ئەڭ ياش مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى، 16 ياشلىق جاستىننى مىسالغا ئالساق، ئۇ مۇلايىم ۋە ئەدەپلىك، ئوماقلىقىدىن پۈتكۈل ئالەممۇ ھەيران، يەنە تېخى قونچاق چىرايى ۋە سۈپسۈزۈك تېرىسى زور مىقداردىكى «ئانا مەستانە»، «ئاچا مەستانە»لەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

    مانا بۇ مەستانىلەرنىڭ لىققىدە ئانا سۆيگۈسىگە تولغان ئىنكاسلىرى.

    مەستانىلەرنىڭ سۆيگۈسىدە يەنە بىر تۈر بار ئۇ بولسىمۇ، قىز دوستى مەستانىسىنىڭ «ئوماق سۈت ئىتى» ئوغۇل دوستىغا بولغان سۆيگۈسى.

    «سادىق يىگىت» ساداقەتمەنلىكى، كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئاچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى (بۇ يەردە ئۇنىڭدىن بىر قانچە ياش چوڭ قىزلارنى كۆرسەتمەكچى)نىڭ ئارۇزۇسىدىكىدەك ئوغۇل دوستىغا ئايلانغان.

    مەسىلەن، «پىراكتىكانت چولپان»دىكى ئالقشىلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ماھىر سەي شۈكۇن. ئۇ دائىم باھالىغۇچىلار ۋە مەستانىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ تۇرغاچقا، ئىنتايىن قائىدە-يوسۇنلۇق دەپ تەرىپلەنگەن.

    «پىراكتىكانت چولپان»غا ئوخشاش بۇ تۈردىكى پىروگىراممىلار قارىماققا مودا بولىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىنى «گۈل چىراي يىگىتلەر»گە قارىتىدىغاندەك قىلىدۇ.

    بۇ خىل گۈزەللىك قارىشى ئەنئەنىۋى ئەرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ، بۇ خىل ھادىسە ئەڭ دەسلەپتە كورېيەنىڭ مودا مۇزىكا مۇنبىرىدىكى ئەرلەردىن كەلگەن.

    «يۇمىلاق ئۈستەل» ناملىق ناتىق پىروگىراممىسىدا بىر مېھمان، بۇ ئەرلەر ئۆزىدىكى ئاياللاشتۇرۇلغان بىر تەرىپىنى نامايەن قىلغاندىلا ئاندىن قىز مەستانىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن.

    تىل ئۆگەنگۈچى شۈ زىدوڭ «چولپانچىلىق» ھەققىدە توختىلىپ: «بايقىشىمچە، يېقىندا ياپونىيەدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار فېزا ستورىنگۇ ئىسىملىك شەكىل چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ماھىرىغا «مەپتۇن» بولغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆزىلا ئايال كىشىگە ئوخشايدۇ، دېگەن.

    ئۇنىڭ بۇ بىر قارىشى كەڭ مەستانىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، توردا گۈزەللىك قارىشىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ھەققىدە كەڭ مۇنازىرە قوزغالغان.

    بۈگۈن بىز بۇ يەردە بۇ مەيدان مۇنازىرىدە كىمنىڭ توغرا ياكى كىمنىڭ خاتا دېگەن مەسىلىدە سۆزلەپ ئولتۇرماي، بەلكى، نېمە ئۈچۈن مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «گۈل چىراي يىگىتلەر» دەيدىغان گۈزەللىك ئۆلچىمى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتەيلى:

    1. ئىقتىسادىي ھوقۇق

    ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ھوقۇققا ئىگە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خانىم-قىزلار قارار چىقارغاندا، سەپلىمە مەبلەغ تېخىمۇ كۆپ، ئۇچرايدىغان چەكلىمە تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان ئەر چولپانلارغا مەبلەغ سېلىپ، بۇ چولپانلارنىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى بولالايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خانىم-قىزلار ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىككى جىنسنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنمۇ ئۆزگەرتمەكتە. ئىلگىرى، ئەرلەر بىلەن ئاياللار پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ دەپ قارىلىپ، ئەرلەرنىڭ قارىشى ھەمىشە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيتتى.

    2. گۈزەللىك ئۆلچىمىنىڭ ئۆزگىرىشى

    بۇ خىل گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ پەيدا بولۇشى، نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئەرلەر مەركەز تىپىدىكى گۈزەللىك ئۆلچىمىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كېلىشىدىندۇر. بىراق ھازىر تېخىمۇ كۆپ خانىم-قىزلار ئۆز مەيلىچە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىق يىگىتلەرگە بولغان ياقتۇرۇشىنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىكى سېھىرىي كۈچىگە باھا بېرىدىغان بولدى.

    ئەنئەنىۋى قاراشتىكى ئەرلىك جاسارەت قارىشى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەچكە، خانىم-قىزلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بىلەن ئەرلەرنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدۇ.

    چىرايلىق يىگىتلەر ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆپلىگەن قىزلارنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش: 

    بۇ خىل خانىم-قىزلار مەركەز تىپىدىكى گۈزەللىك قارىشى بارلىق بويتاق يىگىت، ياشلارغا مۇنداق بىر مۇھىم سىگنال تارقىتىدۇ: قىزلارمۇ ئوخشاشلا يىگىتلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن «قۇسۇر» تاپالايدۇ، شۇڭا ئوغۇللارمۇ ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، يىگىتلەرنىڭ چولپانلارغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈرۈشىنىڭ ئورنى يوق، بىراق چوقۇم پاكىز، رەتلىك بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك