• بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:36
  • بۈگۈن ۋە ئەتە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

    ماتېرىيال سۈرەت

    ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا چىققان شەرقىي جەنۇب شامىلى ئۈرۈمچىدە تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 13 كىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃21.9 يەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئوچۇق ھاۋا بەك ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا يەنە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي جەنۇب شامىلى چىققاندىن كېيىن، بۈگۈن ۋە ئەتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا بەك تېز تۆۋەنلىمەيدىكەن. ھاۋارايىدىن بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتقا قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃14 بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدىكەن. 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تېمپېراتۇرا سەل-پەل تۆۋەنلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8 بولىدىكەن. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى (چارشەنبە) ئۈرۈمچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، ئەمما ئالدىنقى ھەپتە ياغقان يامغۇر ئارىلاش قاردەك قاتتىق ياغمايدىكەن. يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا سەل-پەل تۆۋەنلەيدىكەن. كېيىنچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كەلمىسىلا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك