• بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G تورىنى تاقايدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

  • يوللىغۇچى : دىلنار
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-16 05:49
  • بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G تورىنى تاقايدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى

    يېقىندا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G تورىنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى، ئالاقىلىشىش تورىنىڭ مۇنبەرلىرىدىمۇ ئالاقىدار مۇنازىرىلەر ئۈزۈلمىدى. 2G تورىنىڭ پۈتۈنلەي توردىن چېكىنىدىغانلىقى، توردىن چېكىنگەندىن كېيىن WCDMA تورىدىن قانداق پايدىلىنىش ئالاقە كەسپىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

    2017-يىلىدىكى 2G تورىنىڭ چېكىنىدىغانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىم راستەكلا قىلىدۇ. تورداشلارنىڭ يوللىغان سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئاللىقاچان قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق قىسمەن ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلغان بولۇپ، 2018-يىلى ئىچىدە 2G تورىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرگە 3G ۋە 4G تورىنى قوللايدىغان يانفون ئىشلىتىشنى ئەسكەرتىدىكەن.

    ئاخشام جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    يېقىندا شىركەت تاراتقۇلارنىڭ «بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 2G تورىنى تاقايدىكەن» دىگەن خەۋىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

    نۆۋەتتە خەۋەرلىشىش تورى دۆلەتنىڭ ئاساسىي خاراكتېرلىك ئىگىلىكى. 4G كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى ئاللىقاچان ئومۇملاشتى، 5G تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا. خەلقئارادىن قارىغاندا، 2G تورىنىڭ مۇلازىمەتتىن چېكىنىشى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ، كۆپلىگەن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى 2G تورىنى تاقىۋەتتى. كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تورنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئاتا قىلغان پاراۋانلىقتىن ھەقىقىي مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا 2G ئابونتلىرىنى 4G تورىغا يېڭىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

    پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە خېرىدارلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىگىدارلىق تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەقسىز يانفون كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش، ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىش، ئېتىبار باھادا يانفون سېتىپ بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتتىكى 2G ئابونتلىرىنىڭ 4G تورىغا كۆچۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەرياندا ھازىرقى 2G ئابونتلىرى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

    جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى دۆلەتنىڭ «سۈرئەتنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرۇنقىدەكلا داۋاملىق كەڭ ئابونتلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

    تورداشلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئىككى يىل ئىچىدە 2G تورىنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن. 2G تورى بولمىسا ئۆيىڭىزدىكى ئالاقىلىشىش، تۇرمۇش بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرارمۇ؟

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك