• قارا كۆز ، زەرىفە ماركىسى ئوبراز ۋەكىللىرى بىلەن كاتتا توختام ئىمزالاندى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-17 08:36
  • قارا كۆز ، زەرىفە ماركىسى ئوبراز ۋەكىللىرى بىلەن كاتتا توختام ئىمزالاندى



    ئەلكۈيى تورى مەخسۇس خەۋىرى: 2018-يىلى4-ئاينىڭ13-كۈنى ئۆزگىچە خاسلىقى، سۈپەت، تېخنىكا ، گۈزەللىك قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىن خېرىدارلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولىۋاتقان قارا كۆز - زەرىيفە كىيىملەر ماركىسىنڭ ئوبراز  ۋەكىللىرى بىلەن توختام ئىمزالاش  كاتتا مۇراسىمى  تۇمارىس ئالى مىھمان ساريىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇقېتىملىق يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلار ، كىيىم-كىچەك ساھەسىدىكى ئۇستازلار ،قارا كۆز-زەرىيفە ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، داڭلىق چولپانلار ، قارا كۆز - زەرىيفە كىيىملەر ماركىسىنڭ ئوبراز  ۋەكىللىرى شۇنداقلا بۇ ماركىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرى ھەم ئەلكۈيى تورى ، ئوكيان تېلېۋىزىيەسى ، ئانا دىيار تورى ، ئىجاد تاراتقۇسى ، قېرىنداشلار تاراتقۇسى قاتارلىق ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن ئادەم قاتناشتى .توختام  ئىمزالاش  يىغىنىغا مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق   رىياسەتچىسى  نىجات  ۋەلى  ياقۇپ  رىياسەتچىلىك قىلدى



    پائالىيەت بېشىدا   رىياسەتچى  نىجات ۋەلى  ياقۇپ  بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى مېھمانلارغا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرۋاقىتتا ، قاراكۆز-  زەرىيفە كىيىمچىلىكىنىڭ  قۇرغۇچىلىرى ۋە بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ، ئارقىدىن ئالقىش -سادالار بىلەن  قارا كۆز-زەرىيفە كىيىمچىلىكىنىڭ قۇغۇچىسى  ئابدۇقادىر ئەپەندىم سۆزگە تەكلىپ قىلىندى .



    پائالىيەت رەت-تەرتىپى بويىچە رىياسەتچىنىڭ ئېلان قىلىشى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رېژىسسورى ، خەلقىمىزنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى خاسىيەت قۇربان سۆزگە تەكلىپ قىلىندى ۋە ئۇنىڭ   قارا كۆز  ماركىسىغا  ئوبراز  ۋەكىلى بولغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

    قارا كۆز ماركىسىنىڭ ئوبراز  ۋەكىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رېژىسسورى ، خەلقىمىزنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى خاسىيەت قۇربان ئوبراز ۋەكىلى بولۇش جەريانى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قارا كۆز ماركىسىغا  مىنى  تەكلىپ  قىلىپ   كەلگەندە ،  مەن  كىيىملەرنىڭ  سۈپىتىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن  كۆرمىگەچكە  قۇبۇل  كۆرمىدىم ،  كىيىن تەكلىپ بويىچە مىنىڭ  بۇ  ماللارنى  بىر كۈرۈپ  باققۇم  كەلدى ،مەن  كىيىملەرنى  كۆرگەندىن  كىيىن سۈپىتىنىڭ  ناھىيىتى  ياخشىلىقنى ،تىكىلىشىنىڭ سۈپىتىنىڭ  ناھايتى ياخشىلىقنى، كۈرۈپ  ماللارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن رازى بولدۇم،  شۇڭا بۇنداق ياخشى مەھسۇلاتتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بەھرىمان بولسۇن ، ھەرمىللەت خەلقى ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانسۇن دەپ قارا كۆز ماركىسىنىڭ ئوبراز  ۋەكىلى بولۇشنى قوبۇل قىلدىم . خاسىيەت قۇربان خانىمنىڭ قاراكۆز ماركىسى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك بايانلىرىدىن كىيىن   قارا كۆز  ماركىسنىڭ قۇرغۇچىسى  ئابدۇقادىر ئەپەندىم ،  قاراكۆز  ماركىسنىڭ  ئوبراز  ۋەكىلى  خاسىيەت  قۇربان  خانىم ، قارا كۆز نەق مەيداندا ئوبراز ۋەكىلى بولۇش توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، خاسىيەت قۇربان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قارا كۆز ماركىسىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولدى .  ئابدۇقادىر ئەپەندىمنىڭ خانىمى ئازاتگۈل خانىم  خاسىيەت قۇربان خانىمغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ  سوۋغات  تەغدىم قىلدى.



    ئەلۋەتتە بۈگۈنكى پائالىيەتتە يەنە  زەرىيفە ماركىسىنىڭ ئوبراز  ۋەكىلى بىلەن توختام ئىمزالاش مۇراسىمىمۇ بۇ قېتىملىق مۇراسىمغا ئۇلاپلا داۋام قىلدى ، رىياسەتچىنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ ئاتاقلىق ئاكتىيورى ئاينۇر ئەخمەت زەرىيفە ماركىسىغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلىشى ۋە ئاينۇر ئەخمەتنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشى بىلەن پائالىيەت يەنە بىر ئۈستۈنلۈكتە ئېلىپ بېرىلدى . 




    پائالىيەت ئاخىرىدا قاراكۆز –زەرىيفە كىيىچىلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇقادىر ئەپەندىم بۇ ماركىلارنىڭ بۇنىڭدىن  كىيىنكى  3يىللىق پىلانى توغرىسىدا سۆز  قىلىپ ، بىز  ۋاكالەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈچ  چىقىرىپ،  قارا كۆز- زەرىيفە ماركىسىنى  ھەر مىللەت  ئاممىسى تولۇق ئېتىراپ قىلغان ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركىسى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ترىشىمىز ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بىزنىڭ سېپىمىزغا قوشۇلۇشنى خالايدىغان ، بىز بىلەن بىرلىكتە قاراكۆز-زەرىيفە  ماركىسدىكى كىيىملەرنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان ۋاكالەتچىلەر بولسا داۋاملىق قارشى ئالىمىز دېگەنلەرنى بىلدۈردى .

    قارا كۆز،زەرىفە ماركىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى:

    0991-2362633




    قارا كۆز،زەرىفە ماركىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى:

    0991-2362633



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك