• ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ‏يازلىق تىجارەت ۋاقتىنى ئىجرا قىلىدۇ ‏

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-18 12:53
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ‏يازلىق تىجارەت ۋاقتىنى ئىجرا قىلىدۇ ‏

    مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى، «جېنباۋ» ئاپتوبۇس شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە،  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يازلىق تىجارەت ۋاقتىنى ئىجرا قىلىدىكەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز. شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ تۇنجى قاتناش ۋاقتى 7:20 دىن 7:40 قىچە، شەھەر ئەتراپىدا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ تۇنجى قاتناش ۋاقتى 7:30 دىن 8:00 گىچە. شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ئاخىرقى قاتناش ۋاقتى 22:30 دىن 23:30 غىچە، شەھەر ئەتراپىدا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ئاخىرقى قاتناش ۋاقتى 21:00 دىن 22:30 غىچە.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ قىشلىق قاتناش ۋاقتى يازلىق قاتناش ۋاقتىغا ئالمىشىدىغان بولۇپ، ئادەتتە يازلىق تۇنجى قاتناش ۋاقتى قىشلىق تۇنجى قاتناش ۋاقتى ئاساسىدا 10 ياكى 20 مىنۇت ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن؛ ئاخىرقى قاتناش ۋاقتى قىشلىق ئاخىرقى قاتناش ۋاقتى ئاساسىدا 20 ياكى 30 مىنۇت كەينىگە سۈرۈلىدىكەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، BRT ئاپتوبۇسلىرىمۇ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ماس قەدەمدە يازلىق ۋاقىت بويىچە قاتنايدۇ، 1-،2-،3- لىنىيەلەردىن باشقا لىنىيەلەرنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قاتناش ۋاقتى ئادەتتىكى ئاپتوبۇسلارنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قاتناش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.


    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك