• پۇقرالارنىڭ تور ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت بەلگىسى يان تېلېفونغا چاپلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-18 12:26
  • پۇقرالارنىڭ تور ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت بەلگىسى يان تېلېفونغا چاپلىنىدۇ

    جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۇقرالارنىڭ تور ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت پەرقلەندۈرۈش يان تېلېفون چاپلىما كارتىسى (SIMeID) نى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گوڭچىڭچېڭ شەھىرىدە تارقاتتى. ئابۇنىچىلار يان تېلېفونىنىڭ SIM كارتىسىغا SIMeID نى چاپلىغاندا، يان تېلېفون كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدار تېرمىنالىدا eID غا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، بۇ كارتا تۇنجى تۈركۈمدە 50 مىڭ پارچە تارقىتىلغان. بۇ قېتىم تارقىتىلغان SIMeID چاپلىما كارتىسى يېڭى تىپتىكى eID نىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ، يان تېلېفوننىڭ SIM كارتىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، كۆچمە تېرمىنال قوللىنىشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، بىخەتەر ۋە قوللىنىشچانلىق ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىكەن، ھەمدە ئەسلىدىكى SIM كارتىسىنى ئالماشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يان تېلېفون كۆچمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالى eID غا ئالاقىدار مۇلازىمەت ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى جانلىق ئىشلىتەلەيدىكەن.

    تور بوشلۇقى نوپۇزى، بىخەتەر، ئۇنىۋېرسال، مەخپىي، ئىشەنچىلىك بولغان سالاھىيىتىگە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ھەرىكەت ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى ئۈچىنچى تەتقىقاتخانىسى شېفىر تېخنىكىسىنى ئاساس قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك ئۆزىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، ج خ مىنىستىرلىقى پۇقرالار تور ئېلېكتىرونلۇق سالاھىيەت بەلگىسىنى تەتقىق قىلدى، بۇنىڭ سالاھىيەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇشتىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ توردا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش، توردا سودا قىلىش، توردا توختاملىشىش قاتارلىق ئەمەلىي كۆرۈنۈشىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك