• بۇ يىل ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ كېسىشىش ئېغىزى ئۆزگەرتىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-18 04:21
  • بۇ يىل ئۈرۈمچى غەربىي چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ كېسىشىش ئېغىزى ئۆزگەرتىلىدۇ

    ئاپتوموبىل سولغا ئايلىنىدىغان مەخسۇس كۈتۈش رايونى تەسىس قىلىنىدۇ، قىزىل، يېشىل چىراغنىڭ ۋاقتى ئىلمىي تەڭشىلىدۇ، بەلگە ۋە سىزىقلار قايتىدىن ئايرىپ سىزىلىدۇ... بۇ يىل ئۈرۈمچى نۇرلۇق يولى بىلەن شىمالىي شىنخۇا يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزى ئۆزگەرتىلىدۇ.

    4-ئاينىڭ 17-كۈنى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىكىلەر تەڭرىتاغ رايونىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. بۇ يىل تەڭرىتاغ رايونىدا نۇرلۇق يولى بىلەن شىمالىي شىنخۇا يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزى ئۆزگەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 18 ئۈزۈك يول، شەكىللىك يول ۋە غەيرىي شەكىللىك يول ئېغىزلىرى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ، ئۆزگەرتىلىدۇ.

    مۇخبىر نۇرلۇق يولى بىلەن شىمالىي شىنخۇا يولى كېسىشىش ئېغىزىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال يۆنىلىشىدە ئاپتوموبىل ئېقىمىنىڭ بىر قەدەر كۆپ، شىمالدا شىنمىن يولى غەربىي كوچىسى، جەنۇبتا شىمالىي شىنخۇا يولى، غەربتە غەربىي چوڭ كۆۋرۈك، شەرقتە نۇرلۇق يولىغا تۇتىشىدىغانلىقىنى، قاتناش ساقچىسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىدا قاتناشقا قوماندانلىق قىلغاندا ئاپتوموبىل كۆپرەك ۋاقىتلاردا شىمالىي شىنخۇا يولىدىن كېلىپ سولغا ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئايلىنىشنى كۈتۈش رايونىغا كېلىپ تۇرۇشقا بەلگە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    لايىھەلەش ئورنى-جۇڭگو شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇشى غەربىي شىمال لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىنژېنىرى جاڭ شى مۇنداق دېدى: بۇ يول ئېغىزىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى پۈتتى، بۇنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر بۇ يول ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللار كۆپرەك چاغلاردا سولغا ئايلىنىدىغان يولدىكى كېسىشىش ئېغىزىغا كېلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش پىلانىدا سولغا ئايلىنىدىغان كۈتۈش رايونى تەسىس قىلماقچى بولۇۋاتىمىز.

    بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كېسىشىش ئېغىزىدىكى ئېقىم باشلاش سىزىقى ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش ئىزىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ قايتىدىن سىزىلىپ، يېزىق بىلەن بەلگە سېلىش، قىزىل، يېشىل چىراغنىڭ تەقسىملىنىش ۋاقتىنى ئىلمىي تەڭشەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈش مىقدارى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى ئازايتىلىدۇ.

    راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يىللىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بويىچە ئون چوڭ ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈلگىلىك رولغا ئىگە 20 كېسىشىش ئېغىزىنى ئۆزگەرتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر. جۈملىدىن نۇرلۇق يولى بىلەن شىمالىي شىنخۇا يولى كېسىشىش ئېغىزى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرستېت يولى بىلەن غەربىي باجياخۇ يولى كېسىشىش ئېغىزى، ئالتاي يولى بىلەن خېنەن يولى كېسىشىش ئېغىزى، ئالتاي يولى بىلەن سۇجۇ يولى كېسىشىش ئېغىزى قاتارلىق يول ئېغىزلىرى ئۆزگەرتىلىدۇ. ئۆزگەرتىش مەزمۇنى قاتناش بەلگىسى تاختىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قاتناش سىگنال چىراغلىرىنى ئىلمىي تەڭشەش، قاتناش بىخەتەر ئايلىنىش بەلبېغى تەسىس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئارقىلىق قاتناش بېسىمىنى تېخىمۇ يەڭگىللىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىيادىلەرنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك