• ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە 5Gنى سىناق قىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-19 07:00
  • ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە 5Gنى سىناق قىلىدۇ

    ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىمنىڭ دەلىللىشىچە، ئۈچ شىركەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەستىقىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بېيجىڭ قاتارلىق بىر قىسىم شەھەرلەردە 5G تورى سىناق قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى بېيجىڭ، تيەنجىن، چىڭداۋ، خاڭجۇ، نەنجىڭ، گۇيياڭ، چېڭدۇ، شېنجېن، فۇجۇ، جېڭجۇ ۋە شېنياڭ قاتارلىق 16 شەھەردە 5G سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىدىكەن. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى خاڭجۇ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، سۇجۇ، ۋۇخەن قاتارلىق بەش شەھەردە 5G سىرتقى مەيدان سىنىقى قىلىپ، ھەر بىر شەھەردە 100 دىن ئارتۇق 5G پونكىتى قۇرىدىكەن. يۇقىرىقى بەش شەھەردىن باشقا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى يەنە بېيجىڭ، چېڭدۇ، شېنجېن قاتارلىق 12 شەھەردە 5G كەسپىنى قوللىنىدىكەن ۋە ئۈلگە كۆرسىتىدىكەن، جۇڭگو تېلېگرافى 5G سىناق نۇقتا شەھەرلىرىدە ۋاقتىنچە «6+6» ئەندىزىسى قوللىنىلىدىكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن بېكىتىلگەن شيۇڭئەن، شېنجېن، شاڭخەي، سۇجۇ، چېڭدۇ ۋە لەنجۇدىن ئىبارەت ئالتە شەھەردىن باشقا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماق، كومىتېتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سىناق نۇقتا دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، يەنە ئالتە شەھەر قوشۇلىدىكەن.

    مەلۇم بىر پارچە ئوبزوردا خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ھازىرقى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى چۈشىنىشلىك قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈلدى: 2G ئۆتكەن زامان، 3G ئۆتكەن زامانغا ئايلىنىش ئالدىدىكى زامان، 4G ھازىرقى زامان، 5G كەلگۈسى زامان شەكلى بولۇپ، 2G دا ھېكايە ئوقۇغىلى، 3G دا سۈرەت كۆرگىلى، 4G دا ۋىدىئو كۆرگىلى بولىدۇ، 5G نىڭ ئالاھىدە تېز سۈرئىتى ئالاقە تورىنى قوللىنىشتا ماھىيەتلىك ئىنقىلاب پەيدا قىلىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسىدە 5G تورى ئىشلىتىلسە، يان تېلېفون سۈرئىتى ئاز دېگەندە 10 ھەسسە تېزلىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ھەيدەش، AR ۋە VR قوللانمىسى ۋە ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق بىر قاتار يېڭى ئۇقۇملار مەيدانغا كېلىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • لاتارىيەچى كۆكتات سېتىۋىلىپ ئاشقان پۇلغا لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كاتتا مۇكاپاتغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيەچى ئۆيدىكىلىرىنىڭ «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەتلىك لاتارىيەچى 300 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە كۈندىلىك خەۋەرى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

    1970-01-01 08:00

  • تېڭشۈننىڭ يېڭى توخۇ يىيىش ئويۇنى ئۈچ كۈندە 95مىليون يۈەن پۇل تاپقان

    1970-01-01 08:00

  • خۇبېي ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى نازىرى موللاق ئاتتى

    1970-01-01 08:00

  • رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو قارشى تەرەپ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدونىڭ توپ كىرگۈزدى،ئىناۋەتسىز قىلىندى رىم2-يۇۋېىنتۇس 0 (ئىتالىيە بىرلەشمىسى36-ئايلانما)

    1970-01-01 08:00

  • ئانىلاربايرام مۇبارەك!«بال سەدەف»تە ئانىلار بايرىمى مەخسۇس فىلىم

    1970-01-01 08:00

  • ◁ئانىلار بايرىمىدا ئانىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قۇيۇڭ!

    1970-01-01 08:00