• تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-19 07:46
  • تاماقتىن كېيىن قىلسا ئۆمۈرنى قىسقارتىۋېتىدىغان 10 خىل ناچار ئادەت

    تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار:

    1. تاماكا چېكىش

    2. دەرھال چاي ئىچىش

    ئادەم بەدىنىنىڭ تاماقتىكى ئاقسىل ۋە تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. تاماقتىن كېيىنكى 1 سائەتتىن كېيىن ئىچىش كېرەك.

    3. دەرھال يۇيۇنۇش. ئاچ قورساق يۇيۇنۇشقا ۋە تاماقنى يەپلا يۇيۇنۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئالدى-كەينى 1~2 سائەت ئۆتۈش كېرەك.

    4. بەلباغنى بوشىتىش. ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    5. دەرھال ئۇخلاش. يۈرەك ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، تاماقنىڭ ھەزىم بولىشىغا تەسىر قىلىدۇ. تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت ئىچىدە ئۇخلاشقا بولمايدۇ.

    6. دەرھال چېنىقىش ۋە سەيلە قىلىش. بەدەندىكى قان ئاشقازان-ۋە ئۈچەيگە يىغىلىۋېلىپ، باشقا ئەزاغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    7. دەرھال ماشىنا ھەيدەش.بەدەندىكى قان ئاشقازان-ۋە ئۈچەيگە يىغىلىۋېلىپ، باشقا ئەزاغا قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا مۈگدەش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تاماق يەپ بولۇپ، بىر سائەتتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش كېرەك.

    8. دەرھال مېۋە يېيىش. تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ ياكى قورساقنى كۆپتۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا بىرەر-ئىككى سائەتتىن كېيىن يېيىش كېرەك.

    • 9. دەرھال چىش چوتكىلاش. چىش ئېمال ماددىسىنىڭ كىسلاتالىق چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    10. تاماقتىن كېيىن ئاچچىقلىنىش. يۈرەك-قان تومۇر كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا تاماقتىن كېيىن چېچىلماي، خوشاللىنارلىق سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك