• بايرېن مىيۇنخېن vs خانلىق مادرىد مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-25 06:11
  • بايرېن مىيۇنخېن vs خانلىق مادرىد مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ

    ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى:بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ئاللىيانىز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    ئەلكۈيى تورى بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىنى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە بىۋاستە تارقىتىدۇ .

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى 
    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 2:45

    ئەلكۈيى تورى، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىدا تارقىتىلىدۇ



    كۆرۈش نۇقتىسى 1: كىرىستيانو رونالدو بىلەن لېۋاندوۋسكىنىڭ رىقابىتى

    2018-يىلى كىرگەندىن بۇيان، ناھايىتى ئېنىقكى كىرىستيانو رونالدو پۈتكۈل ياۋروپادىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چوڭ كۆلەملىك «قىرغىنچىلىق»نى باشلىغاندىن باشقا، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىمۇ 15 توپ كىرگۈزگەن رونالدو مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە سەركىلىك ئورۇندا تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەن يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئۇچرىشىشىدا رونالدو كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، «قالپاق ئويۇنى» ئوينىغاندىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى يۈز توپ ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن، يەنە كېلىپ رونالدو بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز توپ كىرگۈزۈپ، بىر ياردەم پاس بېرىشتەك قالتىس نەتىجە يارىتىپ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇ ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئىچىدىكى بەش مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان، بۇ قېتىم بۇ ئىككى كوماندا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ قالدى، ئېنىقكى رونالدو بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ «بېشىنى ئاغرىتىدىغان» ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋسكى ئوخشاشلا قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسىتىۋاتقان ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى، پولشالىق بۇ داڭدار ھۇجۇمچى بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ھازىرغا قەدەر 39 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، گەرچە كىرىستيانو رونالدودەك ئۇنچە قۇدرەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ھەر قانداق بىر داڭلىق مۇداپىئە سېپىنى «تىترەتكۈدەك» ھالەتتىكى ھۇجۇمچى.


    كۆرۈش نۇقتىسى 2: پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتاكىغا ئۆتىدىغان خانلىق مادرىد، يارىدارلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بايرېن مىيۇنخېن

    خانلىق مادرىد كوماندىسى ئاللىقاچان بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندا ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ بولدى، بۇ چوڭ تىزىملىكتىن قارىغاندا، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلى ئىنتايىن تولۇق بولغان بولۇپ، «BBC» ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ باشلامچى بولۇشى بىلەن كوماندا ئەزالىرى تولۇق سەپ تۈزگەن، ناچونىڭمۇ يارىسى ساقىيىپ كوماندا سېپىگە قوشۇلغان، لېكىن بايرېن مىيۇنخېن تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا باش قىيىنچىلىقى بار بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت يارىلىنىش سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان نويېردىن باشقا، كومان بىلەن ۋىدالمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشقا ئامالسىز، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ترېنېرى ھېينكېس مۇسابىقىدىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدە، ئالابا بىلەن تولىسسونىڭ يارىسىنىڭ ساقايمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان، بۇ ئىككى ماھىر گەرچە كوماندىنىڭ مەشىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما مۇسابىقىدىن ئىلگىرى چوقۇم يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى كېرەك، شۇ سەۋەبلىك نۆۋەتتە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلىنىڭ تولۇقلىنىشى جەھەتتە خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.

    كۆرۈش نۇقتىسى 3: بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ «ئۆچ ئېلىش» ئىستىكى كۈچلۈك، خامىس رودېرىگۇزنىڭ ئۆزىنىڭ كونا ئائىلىسى بىلەن رىقابەتلىشىشى

    2012-يىلىدىن باشلاپ، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىلەردە ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك ناچار نەتىجە ياراتتى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن، بۇ قېتىم بۇ ئىككى كوماندا يەنىلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىپ قالدى، ھېينكىسنىڭ يېتەكلىشىدىكى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ تەبىئىيلا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇرۇنقى «ئۆچىنى» ئېلىش پۇرسىتى بار، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر ئىككى كوماندىدا ئۆزىنىڭ كونا ئائىلىسى بىلەن رىقابەتكە چۈشىدىغان توپچىلار مەۋجۇت، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى تەرەپتىن ئۆتكەن يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدا بايرېن مىيۇنخېنغا قوشۇلغان خامىس رودېرىگۇز ناۋادا ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىشى ئېنىق، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كونا ئائىىسى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ يارقىن ھالەتتە نۇرلاندۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، تونى كىروسنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىمۇ خانلىق مادرىد ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.      

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك