• جىگەرنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى ئاسراش ئۇسۇللىرى

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-28 10:46
  • جىگەرنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى ئاسراش ئۇسۇللىرى

    جىگەرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش، جىگەرنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىش كېرەك

    جىگەر بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى نامى چىقمىغان «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ، كۆپ خىل خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭ تەن سالامەتلىكىمىزگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ، بىزنىڭ جىگىرىمىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى زادى قانداق؟ يەنە قايسى ئۈنۈملىك جىگەرنى ئاسراش ئۇسۇللىرى بار؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئومۇملاشتۇرۇپ تونۇشتۇرىمىز.

    جىگىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئۆلچەمگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

    چىرايى

    ئەگەر يۈز تېرىڭىزدە سۇس سېرىقلىق، تېرە مايلىق بولۇش، دانىخورەك، داغ قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، بەلكىم جىگەرنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى جىگەر ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بىۋاستە ئۆت پىگمېنتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېرىق تەن ھورمونىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، شۇڭلاشقا يۇقىرىقىدەك تېرە نورمالسىزلىق ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

    ھەزىم قىلىش مەسىلىسى

    جىگەر ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بىۋاستە بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ، جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھا ياخشى بولماسلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ.

    روھى ھالىتى

    ئەگەر جىگەردە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، دائىم پۇتۈن بەدەن ھالسىزلىنىش، چوڭ مېڭە تۇتۇق بولۇش، روھى ھالىتى ناچار بولۇش ئەھۋاللىرى بولىدۇ، چۈنكى جىگەر بىرخىل نېرۋا، مۇسكۇلنى كونترول قىلىدىغان ئېنزىم ماددىسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىز بولسا، بەدەننىڭ نېرۋا ۋە مۇسكۇلنىڭ بىرىكىش ئىقتىدارىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ھاراق كۆتۈرۈش 

    ئەگەر سىزنىڭ ھاراق كۆتۈرەلىشىڭىز بىر مەزگىل ئىچىدە ئاجىزلىق كۆرۈلسە، دىمەك سىزنىڭ جىگىرىڭىزنىڭ ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن بولىدۇ، چۈنكى جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى مەسلىكنى يېشىدىغان ئەزا، جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاشسا، مەسلىكنى يېشىش ئىقتىدارىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ، ھاراق كۆتۈرۈشى ناچارلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    ئۇنداقتا، تۇرمۇشىمىزدا قايسى خىل ئۇسۇللار جىگەرنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئوموملاشتۇرۇپ تونۇشتۇرىمىز.

    ئاۋۋال يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىشنى كونترول قىلىشىمىز كېرەك؛ ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. قارا ئاشلىق، پۇرچاق تۈرى، سەي-كۆكتات، تاتلىق ياڭيۇ، بېلىق، راك، پۇرچاق سۈتى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ يېيىش جىگەرنى قوغداشقا پايدىلىق.  

    يەنە، ئارام ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ھەركۈنى چوقۇم يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇلار جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل ياخشى بولمىغان ئادەتلەر. جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، كېچە بولسا جىگەر خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىت، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىمىغاندا، جىگەر سالامەتلىكىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ. 

    ئۇنىڭدىن باشقا، ھەركۈنى مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش، بەدىنىمىزدىكى ئېنېرگىيىنى ۋاقتىدا خورىتىپ، جىگەرنى ماي قاپلاش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە مېتابولىزمنى ئۈنۈملۈك تۇراقلاشتۇرۇپ، جىگىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

    يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، دورىگەرلىك تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ناھايىتى كۆپ كېسەللەر بىر تال دورا كومىلىچى بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدۇ، ئەمما بىز چوقۇم دورىغا كۆنۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك، كېسەل داۋالايدىغان دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنى قالايمىقان يېمەسلىكىمىز كېرەك، دورا تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ھەممىسى جىگەرگە تايىنىپ تازلىنىدىغان بولۇپ، دورىنى قالايمىقان يېگەندە جىگەرگە چوڭ زىيان سالىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك