• بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سېھرىي كۈچىڭىزنى نامايان قىلالايسىز

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-28 10:57
  • بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سېھرىي كۈچىڭىزنى نامايان قىلالايسىز

    پىسخىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاتالمىش سېھرىي كۈچ دېگىنىمىز: سىزنىڭ چىراي ئىپادىڭىز، يۈرۈش تۇرۇشىڭىز، ھەرىكىتىڭىزدە شەكىللەنگەن بىر خىل سالاپەت. سىزنىڭ بۇ خىل سالاپىتىڭىز ئەتراپتىكىلەرگە نىسبەتەن تەسىر كۆرسىتىش ۋە جەلپ قىلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ. شۇڭا، بەزى كىشىلەر ئادەمگە سېھرىي كۈچى باردەك تۇيغۇ ئاتا قىلالايدۇ. سېھرىي كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسىڭىز، سىز چوقۇم كۈچلۈك پىسخىك ساپانى ھازىرلىشىڭىز لازىم. تۆۋەندىكى بىرنەچچە پىسخىكا ۋە يۈرۈش تۇرۇش ئۇسۇللىرى سىزنىڭ سېھرىي كۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ. 

    1. غالىبلارچە ھالەت. 

    سېھرىي كۈچىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولسا، كۈچلۈك غالىبلارچە روھتۇر. شۇڭا ھەر ۋاقىت كۈچلۈك غالىبلارچە روھنى ھازىرلىغاندا، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە سېھرىي كۈچىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلالايسىز. پىسخىكا تەتقىقاتتىن ئىسپاتلىنىشىچە، سىز ھەر ۋاقىت بىر قەدەر ئەركىن بولغان بەدەن ھالىتىنى ساقلىسىڭىز، مەسىلەن: بىلەكنى كەڭ كېرىش، پۇتنى كېرىش، مەيدىنى كۆتۈرۈپ، باشنى تىك تۇتۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى بىر مىنۇتقا يەتكۈزەلىسىڭىز، بەدىنىڭىزدىكى تېستوستېرون مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. 

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىز ئەتراپتىكى ئوبيېكتىپلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرىدىكەن.

    2. بەدەن تىلىنى ياخشى ئىشلىتىش. 

    سىز ئادەتتە كۆپلىگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلساق. ئۇلار بەدەن تىلى بولۇپمۇ، قول ھەرىكىتىنى ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. پىسخولوگىيەدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، سىز باشقىلارنى ئاسان قايىل قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم بەدەن تىلىدىن، بولۇپمۇ قول ھەرىكىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز كېرەك. قول ھەرىكىتى سىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 

    بەزى تېز ھەم كۈچلۈك قول ھەرىكىتى، قارشى تەرەپنى كۈچلۈك ھاياجانغا سېلىپ، سىزنىڭ سۆزلىگەن سۆزىڭىز ياكى نۇتۇقىڭىزغا كىرىپ كېتىدۇ. مەسىلەن: قولنى ھاۋادا بىر قانچە قېتىم يېنىك ئىشلىتىش قاتارلىقلار سىزنىڭ سېھرىي كۈچىڭىزنى يەنىمۇ نامايەن قىلىدۇ. 

    3. كۆز ئىشارىسى. 

    كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، ھەم باشقىلارنى جەلپ قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆزلىرىدىن كۈچلۈك ئىشەنچ بالقىپ تۇرغان، كۆزلىرىدىن قەتىيلىك چىقىپ تۇرغان، كۆز ئىشارىسى بىر قەدەر ئالاھىدە بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، قارشى تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىمۇ توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما سىز بۇ جەرياندا كۆزىڭىزدىن ھاڭۋاقتىلىق چىقىپ قېلىشنىڭ، كۆز ئىشارىڭىزنىڭ داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. 

    ئەلۋەتتە، كۆز ئىشارىسىنى چوقۇم ئەينەككە قاراپ مەشىقلىنىپ، ئۆزىڭىزنى يېتەرلىك باسقۇچقا كەلدى دېگەندە ئاندىن جارى قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. كۆز ئىشارىسى ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا چىراي ئىپادىڭىزغىمۇ دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. 

    4. دوراش ھەرىكىتى. 

    قارشى تەرەپنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى دوراش، قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ كۆپرەك ئالاقە قىلىدىغان ۋاقىتلاردا، سىز مۇشۇ توپتىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى تېز سۈرەتتە ئىگىلەپ، ئالاقە قىلماقچى بولغان ئوبيېكتىپلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىڭىزدە ئىپادىلەپ بەرسىڭىز، قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە چۈشەنچىسىگە ئېرىشەلەيسىز. دوراش سىزنى تېز سۈرەتتە قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا شۇڭغۇپ كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى پىسخىكا نەزەرىيىسى بولسا: بىز ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شەيئىلەرگە ۋە مۇھىتقا نىسبەتەن، تەبىئىي ئىنتىلىش ۋە ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى بولىدۇ. بولۇپمۇ مەلۇم بىر توپ ئىچىدىكى سىزگە ئوخشاش بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 

    خۇلاسە: بۇ خىل سېھرىي كۈچنى ۋە چۈشىنىشنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار، تېز سۈرەتتە باشقىلارنى كونترول قىلىپلا قالماستىن ھەم، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ سىزنىڭ سېھرىي كۈچىڭىزنى نامايان قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئۇسۇللار ناھايىتى ئاددىي بولغاچقا، سىزنىڭ ئەسلى ماھىيىتىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت كۈچلۈك پىسخىك ساپاغا ئىگە كىشىلەرلا، بۇ خىل ئۇسۇللارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرسا، سېھرىي كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ زورايتالايدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك