• ئۆزى بىلەن «مۇھەببەتلىشەلەيدىغان» ئادەم ئەڭ ساغلام ئادەمدۇر

  • يوللىغۇچى : دىل
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-28 10:40
  • ئۆزى بىلەن «مۇھەببەتلىشەلەيدىغان» ئادەم ئەڭ ساغلام ئادەمدۇر

    تۇرمۇشتا بىز روھلۇق يۈرىدىغان كىشىلەرنى ۋە بارغانسېرى ئەركىن ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ياخشى مىجەزلىرى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىدىن كەلگەن. ئەمما بىرقىسىم بارغانسېرى روھسىز، چۈشكۈن يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل چۈشكۈن، پاسسىپلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىگە باغلىق. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، تېخىمۇ يۇقىرى، سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بەزى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك، بۇ خىل ناچار ئادىتىڭىز سىزنى بارغانسېرى ئارقىغا تارتىپ تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنى پەيدىنپەي تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. 

    1. قائىدىسىز، قالايمىقان تۇرمۇش: بىلىپ-بىلمەي بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش. 

    بىزنىڭ قالايمىقان، قائىدىسىز تۇرمۇشىمىز، بىلىپ-بىلمەيلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ۋە سالامەتلىكىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. مەسىلەن: ھاراق ئىچىش، دائىم تۈنەش، توختىماي يەپ-ئىچىش قاتارلىق ناچار تۇرمۇش ئادىتىمىز. گەرچە بەزى ۋاقىتلاردا بۇنى بىز كىچىك ئىشلارغۇ دەپ ئېرەن قىلمايمىز، ئەمما بۇنداق ناچار ئادەتلەر داۋاملىشىۋەرسە، ئاستا-ئاستا سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئەللىمى يۈ جۈە