• دۆلىتىمىز بەش خىل دورىنىڭ سىناق سانلىق مەلۇماتىنىڭ قوغدىنىش مۇددىتىنى ئېلان قىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-30 05:40
  • دۆلىتىمىز بەش خىل دورىنىڭ سىناق سانلىق مەلۇماتىنىڭ قوغدىنىش مۇددىتىنى ئېلان قىلدى

    يېقىنقى كۈنلەردە دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «دورا سىناق سانلىق مەلۇمات قوغداش تەدبىرى چارىسى (ۋاقىتلىق چارىسى)»غا قارىتا ئوچۇق ئاشكارا تەكلىپ-پىكىر يىغدى. قوبۇل قىلىنغان تەكلىپ-پىكىرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلغان سىناق سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئېرىشكەن بازاراغا سېلىنىشى يولغا قويۇلغان يېڭى دورا، يېڭى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان بىئولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش دورىلىرى، بالىلار مەخسۇس دورىسى، پاتېنىت رىقابىتىدە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن دورىلار قاتارلىق بەش خىل دورىنى تۈزۈپ چىقىپ، بەلگىلىك سانلىق مەلۇمات قوغداش مۇددىتىنى بەرگەن: قوغداش مۇددىتى ئىچىدە سانلىق مەلۇمات قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، دۆلەت دورا نازارەت تارماقلىرى باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشاش تۈردىكى دورىلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىقنى كۆرسىتىدۇ، بىراق ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزلىكىدىن ئېرىشكەن سىناق سانلىق مەلۇماتىغا تايىنىپ ياكى بازارغا سېلىنىش تەستىقىغا ئېرىشكەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماقۇللىقى بۇنىڭ سىرتىدا.

    قوغدىنىشقا ئېرىشكەن سىناق سانلىق مەلۇماتى دورىنى بازارغا سېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپلەرگە ئاساسەن تاپشۇرغان دورىنى بازارغا سېلىش تىزىملاش ئىلتىماسى ھۆججىتى سانلىق مەلۇماتىدا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك غەيرىي كىلىنىكىلىق ۋە كىلىنىكىلىق سىناق سانلىق مەلۇماتى، دورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بۇنىڭ سىرتىدا.

    يىغىۋېلىنغان تەكلىپ پىكىرلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا ئىشلىتىلىۋاتقان كىلىنىكىلىق سىناق سانلىق مەلۇماتى جۇڭگودا قانات يايدۇرۇلغان خەلقئارالىق كۆپ مەركەز كىلىنىكىلىق سىناق سانلىق مەلۇماتىدا، جۇڭگو چىگرىسىدىكى بازارغا سېلىنىش ئىلتىماسى ياكى جۇڭگو بىلەن باشقا دۆلەت (رايون)لارنىڭ ماس قەدەمدە بازارغا سالغان يېڭى دورىلارغا ئالتە يىللىق سانلىق مەلۇمات قوغداش مۇددىتى، يېڭى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان بىئولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارغا 12 يىللىق سانلىق مەلۇمات قوغداش مۇددىتى بەردى. جۇڭگودا قانات يايدۇرۇلۇپ ئىشلىتىۋاتقان خەلقئارا كۆپ مەركەزلىك كىلىنىكا سىناق سانلىق مەلۇماتىدا، جۇڭگودا ئىلتىماس قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ۋاقتى باشقا دۆلەت (رايون)لارنىڭ ئىلتىماس قىلىپ بازارغا سېلىنغان ۋاقتىدىن كېچىككەن بولسا، ئەھۋالغا ئاساسەن بىر يىلدىن بەش يىلغىچە سانلىق مەلۇمات قوغداش مۇددىتى بېرىش، 6 يىلدىن كېچىككەنلەرگە سانلىق مەلۇمات قوغدىنىش مۇددىتى بېرىلمەيدۇ. ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دورا ئىشلىتىش ياكى بالىلارغا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس دورىلارغا نىسبەتەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر تۇنجى قېتىم جۇڭگودا تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ئالتە يىللىق سانلىق مەلۇمات قوغدىنىش مۇددىتى بېرىلىدۇ.

    يىغىۋىلىنغان پىكىر-تەكلىپلەردە ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە، ئوخشاش تۈردىكى دورىلارغا نىسبەتەن ئىلگىرى كېيىن بېرىلگەن ھەر تۈرلۈك قوغدىنىش مۇددىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دورىلارنىڭ تىزىملىتىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن تەستىق بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. قوغدىنىش مۇددىتى ئىچىدە سانلىق مەلۇمات قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتمەي، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنىڭ بازارغا سېلىنىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىماي، سىناق سانلىق مەلۇماتىنىڭ قوغداش سەۋەبى، سانلىق مەلۇمات قوغداش كۈنىدىن ئاياغلاشقىچە بولغان ئۇچۇرلىرىنى قوغداپ، «بازارغا سېلىنغان دورىلارنىڭ مۇندەرىجە توپلىمى»غا ئاساسەن يىغىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. سانلىق مەلۇمات قوغداش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، «بازارغا سېلىنغان دورىلارنىڭ مۇندەرىجە توپلىمى»دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋاقىتدا ئۆچۈرۈلىۋېتىدۇ.

    سانلىق مەلۇمات قوغداش ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يىغىۋېلىنغان پىكىر-تەكلپىلەردە ئېنىق قىلىپ، سانلىق مەلۇمات قوغدىنىشىغا ئېرىشكەن دورىلار بازارغا سېلىنىش تەستىقىغا ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ، بىر يىل ئىچىدە ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن بازاردا سېتىلمىغان بولسا، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى چېكىنىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئىشنىڭ ھەقىقىيلىقى سۈرۈشتۈرۈلسە، مەزكۇز سانلىق مەلۇمات قوغداش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ دەپ كۆرسىتىلىدى. دورا سىناق سانلىق مەلۇمات قوغداش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مەزكۇر تۈرنىڭ بازارغا سېلىنىش تىزىملىتىش ئىلتىماسى ئوتتۇرىغا قويۇلسا تەستىقلىنىدۇ. 

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك