• خان مادرىدVSبايرېن مىيۇنخېن مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە 明天晚上现场直播

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-04-30 10:30
  • خان مادرىدVSبايرېن مىيۇنخېن مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە 明天晚上现场直播



    ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى مەخسۇس خەۋىرى: 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 12:45 تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا بايرېن مىيۇنخېننى كۈتىۋالىدۇ. بۇ مۇھىم مۇسابىقە يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيادىكى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ دىققىتى خانلىق مادىرىد بىلەن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا ئاغدۇرۇلماقتا .

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتىكى   مۇسابىقىنى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە بىۋاستە تارقىتىدۇ .


    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى 
    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 2:45 (ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ 12:45تە)
    ئەلكۈيى تورى، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىدا تارقىتىلىدۇ

    ئەتە كەچتە گېرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبى ئورگان تورىدا بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئالابانىڭ يارىسى ساقىيىپ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان، روببېن، بوئاتىڭ، كومان ۋە ۋىدال قاتارلىق ماھىرلار يارىلىنىش سەۋەپلىك تىزىملىككە كىرەلمىدى.
    بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
    قاپقىچىلار: ئۇلرىچ، سىتارك، فرۇچتىل
    بېكلار: سۇلې، خۇممېلىس، رافىنىيا، بېرنات، لۇكاس ماي،  ئالابا، كىممىچ
    ئوتتۇرا مەيدان: تىياگو، رىبېرى، خاۋى مارتىنېز، خامېس رودرىگۇز، شابانى، رۇدى، توللىسو، دورسچ 
    ھۇجۇمچىلار: ۋاگنېر، لېۋاندوۋىسكى، توماس مۇللېر


    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئارقىلىق، تۈركىيەلىك رېپىر چاكېرنىڭ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ كېيىنكى ئايلانمىسىدىكى، خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئوينايدىغان ھالقىلىق مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋروپا كۇلۇبلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارلىق ياۋروپا مۇسابىقىلىرى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن خانلىق مادرىد بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن مادرىد ئاتلېتكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، بايرېن مىيۇنخېن بىلەن بارسېلونا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.


    پۈتۈن دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنى تەقەززا قىلىۋاتقان مۇسابىقىنى ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كۆرۈش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭ ، مۇسابىقە كۆرگەچ تەھلىللىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز ، چۈشەندۈرگۈچىلەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بىلىملىرىنى ئورتاقلاشسىڭىز ۋە ئەلكۈيى تورىدا مۇسابىقە كۆرىۋاتقان تورداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقە ئەھۋالىنى مۇنازىرە قىلسىڭىز بولىدۇ .


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك