• «1- ماي»نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزا- كەنتلەردە سېرك نومۇرلىرى ئوينالدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-01 12:46
  • «1- ماي»نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يېزا- كەنتلەردە سېرك نومۇرلىرى ئوينالدى

      سۈرەتتە: سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى يۇقىرى گال كەنتى ئاھالىلىرىگە ئويۇن قويۇپ بەرمەكتە. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

      مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ خۈەن، شيې لۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىسى يۇقىرى گال كەنتىنىڭ زالىدىن 4- ئاينىڭ 29- كۈنى كۈلكە ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرىك ئۆمىكىنىڭ 2018- يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ئېسىل سېرك نومۇرلىرىنى ئويناپ بېرىۋاتاتتى.

      سېرك نومۇرلىرى ئۆزگىچە ھەم يېڭى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىقلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

      كەنت ئاھالىسى قەلبىنۇر تۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلغىنىغا، كۆيۈنگىنىگە رەھمەت، بۈگۈنكى ئويۇن بەك قىزىدى، بىز بەك ھاياجانلاندۇق.

      شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ ئەترەت يېتەكچىسى بەي لۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئارتىسلىرىمىز تېخى يېقىندىلا شاڭخەي سېرك مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ قايتىپ كەلگەن، ئوتتۇرىچە يېشى 20 ياش، ياشلىقى ۋە غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، كەنت ئاھالىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار تېخىمۇ بېرىلىپ ئوينىدى.

      ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئۆمەك پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 120 ئېغىر نامرات كەنتتە 120 مەيدان ئويۇن قويىدىكەن.

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك