• بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-02 07:08
  • بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن

    بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن
    جىڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى يالقۇن
    مەن كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، دادام ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان كادىر، ئۇ دائىم ماڭا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەلىم بېرەتتى. مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلدىم، تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى ئارقىلىق ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم.
      مەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، سىياسىي قائىدىسى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىمەن، قەتئىي سىياسىي مەيدان ۋە غايە- ئېتىقادنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاممىنى يېتەكلەشتە باشلامچى بولىمەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.
      مەن قەتئىيلىك بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، باشتىن- ئاخىر كاللامنى ئىنتايىن سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى ئىنتايىن مۇستەھكەم قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قىلچە قاراپ تۇرمايمەن، بىرنى بايقىغان ھامان بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمەن، ھەرگىز يول قويمايمەن.
      مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ھەقىقىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن ئەستايىدىل ساۋاق ئالىمەن، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ھەرۋاقىت ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەي، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.
      مەن كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سىياسىي ئىرادە بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كەم- كوتسىز، ئۆزگەرتىۋەتمەي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.
    مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك