• 欧冠رىمvsلىۋېرپول مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە直播

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-02 10:13
  • 欧冠رىمvsلىۋېرپول مۇسابىقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە直播

    بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا رىم ساھىبخان مەيداندا لىۋېرپولنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە سالاھ مېھمان مەيداندا كونا غوجايىنىغا يۈزلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئىككى كوماندا مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، رىمنىڭ يەنە بىر قېتىم تەتۈر ئېشىپ قارشى تەرەپنى شاللىشىمۇ نۇرغۇن مەستانىلەر كۈتۈۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى.

    ئەلكۈيى تورى مۇسابىقىنى ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە بىۋاستە تارقىتىدۇ .



    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 2:45

    مۇسابىقە ئورنى: رىم ئولىمپىك توپ مەيدانى


    بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

    1. رىم يەنە بىر قېتىم مۆجىزە يارىتامدۇ؟

    ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى مۇسابىقىسىدە رىم مېھمان مەيداندا 5:2 نەتىجە بىلەن لىۋېرپولغا ئۇتتۇغان، ئۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىشى ئىنتايىن قىيىن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشتا 4:1 نەتىجە بىلەن بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇپ، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا 0:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغانلىقى ۋە بارسېلونانى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بۇ قېتىممۇ ئوخشاش، گەرچە رىم مېھمان مەيداندا 5:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ساھىبخان مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا 0:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلسىلا ھەل قىلغۇچقا كىرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، لېكىن رىمنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.

    2. لىۋېرپول رىمنىڭ تەتۈر ئېشىشىنى خالىمايدۇ

    لىۋېرپول تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيداندا 2:5 نەتىجە بىلەن رىمنى مەغلۇپ قىلغان. لېكىن، ئۇلار ئالدى بىلەن 0:5 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن بولۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، لېكىن رىمنىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، بۇ ئۈستۈنلۈك ئەسلىدىكىدەك مۇتلەق دەرىجىدىدىن چۈشۈپ كەتكەن. مېھمان مەيداندا رىم بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئۇلار قارشى تەرەپنى سەل چاغلىماسلىقى كېرەك. زېكونىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇم ئورنىدىكى رولى رىمغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئەگەر لىۋېرپول زېكو بىلەن باشقا توپچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى يوق قىلىۋېتەلىسە، ئۇنداقتا لىۋېرپولنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىش يولى تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، لىۋېرپولنىڭ ئۈچ ھۇجۇمچىسى يېقىندىن بۇيان ئىنتايىن قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلماقتا، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ بىر «توپ كىرگۈزۈش جېڭى»گە ئايلىنىشى مۇمكىن.

    3. سالاھ ئولىمپىك توپ مەيدانىغا قايتىدۇ

    تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى مۇسابىقىدە لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سالاھ ئىككى توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ئىككى ياردەمچى پاس چىقارغان. لېكىن، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا ئۇنىڭ بىلەن لىۋېرپول رىمنىڭ ئولىمپىك توپ مەيدانىغا مېھمان بولىدۇ. گەرچە ئۇ رىمدا كۆپلىگەن پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە ھازىرقى قالتىس ئىپادىسىگە ئۇل سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاللىبۇرۇن رەقىبكە ئايلانغان ئىككى تەرەپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قارشى تەرەپنى شاللاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، سالاھنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ھەممىنى بويسۇندۇردى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشىغا تىلەكداشمىز.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك