• تۆت ياخشى دوست بىرگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-02 11:14
  • تۆت ياخشى دوست بىرگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى


    2018-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ، قارماي شەھەرلىك مايتاغ رايونى 65020028 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسى تەنتەنە پەيتنى كۈتىۋالدى ، لاتارىيەچى سېتىۋالغان بىر دانە " قوش رەڭلىك توپ" ئۇيۇنى 7+4 كىچىك قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىدە شۇ قاراردا 1 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ، 3 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ، 6 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 18 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى ، ئۇمۇمىي مۇكاپات سوممىسى 564.2478 يۈۋەن بولدى . 
    4-ئاينىڭ 23-كۈنى ، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئابلىكىم ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كەلدى ، ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇ پەقەت بىر ۋەكىل ئىكەن ، بۇ كاتتا مۇكاپات ئۇلار گۇرۇپىسىدىكىلەر بىرگە سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىدىن چىققان بۇلۇپ ، مۇكاپات كۆپچىلىكنىڭ ئىكەن ، باشقىلار ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن ئابلىكىم ئۆزى مۇكاپات ئالغىلى كەلگەنلىكى ۋە قايتىپلا مۇكاپاتنى بۈلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەگە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ، پاراۋانلىق لاتارىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ شۇ گۇرۇپپىدىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئېيتتى . 
    بۇ " قوش رەڭلىك توپ" ئۇيۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بولسا 2018-يىللىق قارماي شەھىرىدە چىققان تۇنجى كاتتا مۇكاپات ئىدى ، بۇ خۇشخەۋەر ناھايىتى تىزلا كەڭ تارقالدى ، ھەممەيلەن بۇ ئامەتلىك كىشلەرگە ھەۋەس قىلدى ، ۋە ئۆزىگىمۇ مۇشۇنداق كاتتا مۇكاپاتلارنىڭ چىقىشنى ئارزۇ قىلىشتى !

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك