• بۇ ياخشى ئادەتلەر ئۆزلىكىدىن ساقىيىش كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ!

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:17
  • بۇ ياخشى ئادەتلەر ئۆزلىكىدىن ساقىيىش كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ!

    ھازىرقى زامان تىببىي ئىلمى ئاتىسى، 2500 يىل ئىلگىرى ياشىغان ھېپوگرات مۇنداق دېگەن: «كېسەلنىڭ ساقىيىشى ئۆز تېنىنىڭ ئۆزىنى ساقايتىش كۈچى ئارقىلىق بولىدۇ، دوختۇر پەقەت قوشۇمچە ياردەم قىلىدۇ.»

    گېرمانىيە ساغلاملىق ژورنىلى «ھاياتى كۈچ»تىكى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر بىئارام بولغان ياكى كېسەل بولغاندا، بەدەن ئۆزلۈكىدىن بەدەننىڭ «دورا ئىسكىلاتى»دىن 30دىن 40 خىلغىچە «ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا»نى تېپىپ چىقىپ، كېسەلگە قارىتا داۋالاش قىلىدىكەن.

    ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇش ئادىتىڭىزنىڭ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش كۈچىڭىزنى يا «ئۆلتۈرىدۇ» ياكى «جانلاندۇرىدۇ»!

    تاماكا، ھاراق تاشلاشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى ئادەتلەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش كۈچىنى «جالاندۇرىدۇ»!

    1. دورىنى ئاز يېيىش

    كۆپلىگەن كىشىلەر زۇكام بولسىلا دورا يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى زۇكامنى تەبىئي داۋالاش ئىقتىدارى بار. بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۆتىلىش، ماڭقا ئېقىش ۋە قىزىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، باكتېرىيەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئۇزۇن مۇددەت دورا يېيىش ئەكسچە بەدەندە دورىغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى پەيدا قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

    2. ئادەتتىكى تازلاش

    ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆندۈرۈشى ئارقىلىق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاستا-ئاستا ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئائىلىنىڭ تازلىقى ئادەتتىكى تازلاش دەرىجىسىدە بولسىلا بولىدۇ، يەرنى سۈپۈرۈپ، سۈرتۈپلا قويۇش كېرەك، ئىزچىل دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن دېزىنفېكسىيەلەشنىڭ ھاجىتى يوق. تۇرمۇشتا بەك پاكىز بولۇپ كەتسىمۇ سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ.

    3. يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش

    ئۇزۇن مۇددەت تاماق تاللىغاندا ئادەمدە دائىم ئوزۇقلۇقنىڭ سۆمۈرۈلۈشى تولۇق بولماي، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داۋاملاشسا نۇرغۇن كىچىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كونىلارنىڭ دېيىشىچە: «بېلىق يېسە ئىسسىق پەيدا قىلىدۇ، گۆش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، تۇرۇپ بىلەن كەرەپشە تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەيدۇ.» تاماق تاللايدىغان يامان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، تەڭپۇڭ ياخشى تاماق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. 

    4. يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈش

    ئادەمدە بىر خىل ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى بولغان T ھۈجەيرە بولۇپ، يەنە «خۇشاللىق ھۈجەيرىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەم يۇقىرى ئاۋازدا كۈلگەندە Tھۈجەيرىنىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە بۆلىنىشىنى غىدىقلاپ، شۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

    5. ھەركۈنى مېڭىپ بېرىش

    ئامېرىكا ئاپپالاچىيە ئىشتاتلىق ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركەت قىلىشنى ھەر كۈنى 30-40 مىنۇت، ھەر ھەپتىدە 5 كۈن، ئۇدا 12 ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ئېشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاشىدىكەن.

    6. ئۇيقۇ ياخشى بولۇش

    ئۇيقا يېتەرلىك بولمىغاندا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ تاشلايدۇ. بەدەندىكى T ھۈجەيرە ۋىرۇس ۋە ئۆسمىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەسئۇل، ئەگەر يېتەرلىك ئۇخلىمىغاندا T ھۈجەيرە سانى ئازلاپ، كېسەل بولۇش نىسبىتى ئاشىدۇ. ئەمما چوقۇم 8 سائەت ئۇخلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئەتىگەندە تۇرغاندا روھلۇق ھېس قىلسىلا بولىدۇ.

    7. كۆز يېشىنى توتۇۋالماسلىق

    كۆز يېشى قىلىش ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشەش رولىنى ئۆتەيدۇ. كۆز يېشى ئادەم بەدىنىدىكى بېسىم ھورمونىنى تارقىتىشقا ياردەم بېرىپ، بەدەنگە زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىشتىن ساقلايدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئازابلىنىپ يىغلىغان كىشىلەرنىڭ تېرىسىنىڭ رېئاكسىيە پەيدا بولۇشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

    8. كۆكرەكنى دائىم چېكىپ بېرىش

    كۆكرەك سۆڭىكىنى دائىم چېكىپ بەرگەندە، كۆكرەك قىسىمدىكى مۇناسىپ پەللىلەرنى غىدىقلاپ، كۆكرەك بېزىنىڭ قىسقىراپ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرۈپ، تۆش بېزى ھورمونىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما بوش چېكىش كېرەك.

    9. موگۇنى كۆپ يېيىش

    ئامېرىكا فىلورىدا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئۇدا تۆت ھەپتە ھەر كۈنى بىر موگۇنى پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

    شۇڭا سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ھەقىقى ئىقتىدارلىق دوختۇر دوختۇرخانىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ تېنىدە؛ ئەڭ قىممەتلىك شىپالىق دورا دورىخانىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ تېنىدە!

    مەنبەسى :سىنا


  • ئىنكاسلار


    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك