• نېمە ئۈچۈن ئالما بىلەن سامسۇڭ خۇاۋېيغا تاپشۇرىدىغان پاتېنت ھەققىنى دۆلىتىمىز شىركەتلىرى تاپشۇرمايدۇ؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:54
  • نېمە ئۈچۈن ئالما بىلەن سامسۇڭ خۇاۋېيغا تاپشۇرىدىغان پاتېنت ھەققىنى دۆلىتىمىز شىركەتلىرى تاپشۇرمايدۇ؟

    ھەممىمىزگە ئايان، خۇاۋېينىڭ پەن-تەتقىقات ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى، دۆلىتىمىزدە بىرىنچى بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىندا خۇاۋېي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خۇاۋېينىڭ پاتېنت ھوقۇقلىرى جەمئىي 74 مىڭ 307 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزە ئىلتىماس قىلغان پاتېنت 64 مىڭ 91، چەتئەلدە ئىلتىماس قىلغان پاتېنت 48 مىڭ 758 ئىكەن.

    پەقەت مۇشۇ سانلىق مەلۇماتلاردىنلا خۇاۋېينىڭ پەن-تەتقىقات ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى پاتېنت ماگناتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇاۋېي ھەر يىلى ئالما، سامسۇڭ، كۇۋالكوم قاتارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىدىن پاتېنت ھەققى ئالىدۇ، مەسىلەن، ئالما ئۆتكەن يىلى خۇاۋېيدىن 700 نەچچە پاتېنتنىڭ ھوقۇقىنى سېتىۋالغان، سامسۇڭ خۇاۋېي بىلەن بولغان پاتېنت دەۋاسىدا مەغلۇب بولۇپ، 80 نەچچە مىليون تۆلەم تۆلىگەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە ئالما، سامسۇڭ، كۇۋالكوم قاتارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى خۇاۋېيغا ھەر يىلى پاتېنت ھەققى تاپشۇرسىمۇ، لېكىن دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرى خۇاۋېيغا بىر تىيىنمۇ پاتېنت ھەققى تاپشۇرمايدۇ. قائىدە بويىچە بولغاندا، دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرى خۇاۋېيغا پاتېنت ھەققى تاپشۇرىشى كېرەك ئىدى، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرى خۇاۋېيغا پاتېنت ھەققى تاپشۇرمايدۇ؟

    ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس، ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار.

    بىرىنچى، شىركەت ئوبرازى يول قويمايدۇ. خۇاۋېينىڭمۇ يانفون كەسپى بار، ئەگەر بۇ ساھەدىكى ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرىدىن پاتېنت ھەققى ئالسا، باشقا شىركەتلەرگە بېسىم چۈشۈردى دەپ قارىلىپ، خۇاۋېينىڭ ئاتىقىغا تەسىر يىتىپ، ئېغىر زىيان سېلىشى مۇمكىن.

    ئىككىنچى، ھازىر پاتېنت ھەققى ئالىدىغان ۋاقىت ئەمەس. گەرچە بۇ ئىككى يىلدا دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرى قەد كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي پايدا ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئاجىز ھېسابلىنىدۇ، ئالما ۋە سامسۇڭ قاتارلىق خەلقئارالاشقان شىركەتلەر بىلەن بولغان پەرقى ناھايىتى چوڭ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرى ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر خۇاۋېي ھازىر دۆلىتىمىزدىكى يانفون شىركەتلىرىدىن پاتېنت ھەققى ئالسا، ئالما بىلەن سامسۇڭ پايدا ئېلىۋالىدۇ، بۇ جەھەتتە خۇاۋېينىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك