• شىنجاڭدىكى سەككىز شەھەر بىرلىشىپ يىپەك يولى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئىتتىپاقى قۇردى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2018-05-04 04:42
  • شىنجاڭدىكى سەككىز شەھەر بىرلىشىپ يىپەك يولى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئىتتىپاقى قۇردى

    ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى سەككىز ئېچىۋېتىلگەن تۈگۈن شەھەر 4 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سىياسەت، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ قۇرۇقلۇق پورتى سىستېمىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىپەك يولى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئىتتىپاقى قۇردى.

      شۇ كۈنى شىنجاڭدىكى مۇھىم پورت شەھىرى، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھىرى بولغان قەشقەر شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قورغاس شەھىرى، سانجى شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى يەنە ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

      كېلىشىمگە ئاساسەن، سەككىز شەھەر سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپ سىياسىتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹توپ مال›› ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ توپلىشىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭ رايونىدا ئىقتىدار سۇپىسى ئۆزئارا تولۇقلىنىپ ئۇزارتىلغان، ماسلىشىپ بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ شەرقتە دېڭىز بويى پورتى، غەربتە ياۋروپا پورتىغا يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىغا تايىنىپ، تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىش – ئالاقىلىشىش ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىدۇ؛ شىنجاڭ جۇڭگو – ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ۋە جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مال ئىمپورت – ئېكسپورتىنى دېڭىز پورتى ۋە تاشقى سودا ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

       ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باقات قېدىرباي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىنىڭ ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكى، ئەشيا ئوبوروتى تەشكىللەش ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىدار ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يېتەكچىلىك، تەسىرچانلىق، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى پورت ۋە تۈگۈن شەھەرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارى پۈتكۈل شىنجاڭنى قاپلىغان ‹‹چوڭ قۇرۇقلۇق پورتى›› سىستېمىسىنى قۇرۇشقا بولىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك